UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىنيې رۇڭجېن

نيې رۇڭجېن

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى نيې رۇڭجېن (1899 −1992 - يىللار) جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، سىچۇەننىڭ جياڭجىن دېگەن يېرىدىن. ياش ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە قاتناشقان، كېيىن ياۋروپاغا بېرىپ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىشلەپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇغان ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن.1925 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قايتىپ كېلىپ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدە ئىشلىگەن.1927 - يىلى نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ ۋە رەھبەرلىك قىلىپ، ج ك پ ئالدىنقى سەپ كومىتېتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. قوزغىلاڭدىن كېيىن11 - ئارمىيىنىڭ پارتىيە ۋەكىلى بولغان. شۇ يىلى گۇاڭجۇ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن شياڭگاڭ، تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا پارتىيىنىڭ مەخپىي خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.1931 - يىلى مەركىزىي سوۋېت رايونىغا بارغاندىن كېيىن، قىزىل ئارمىيە1 - جۈنتۇەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارلىقىغا تەيىنلىنىپ،4 -،5 - قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋە قوماندانلىق قىلغان.1931 - يىلى قىسىمنى باشلاپ25 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان. زۇنيى يىغىنىدا ماۋ زېدۇڭنىڭ توغرا تەشەببۇسلىرىنى قوللىغان. كېيىن، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئالدىن ئەۋەتىلگۈچى قىسمىنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە،8 - ئارمىيە115 - شىسىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭلىقى ۋە سىياسىي كومىسسارلىقىغا تەيىنلىنىپ، مەشھۇر پىڭشىڭگۇەن ئۇرۇشى ۋە »يۈز پولك ئۇرۇشى«غا قاتناشقان ھەم قوماندانلىق قىلغان، ۋۇتەيشەن مەركەز قىلىنغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى سەنشى - چاخار - خېبېي ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرۇپ، سەنشى - چاخار - خېبېي ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە سىياسىي كومىسسارى بولغان. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سەنشى - چاخار - خېبېي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى باشلاپ شىمالىي جۇڭگوغا يۆتكىلىپ، شىمالىي جۇڭگو ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولغان، پىڭجىن ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋە قوماندانلىق قىلغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، نيې رۇڭجىن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ مۇۋەققەت باش سەنمۇجاڭى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ئىنقىلابى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلىدە، ئوتتۇرا، يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئاتوم بومبىسى ۋە ۋودورود بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساشقا رەھبەرلىك قىلغان ۋە تەشكىلاتچىلىق قىلغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا لىن بياۋ، جياڭ چىڭ گۇرۇھى بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلغان.1955 - يىلى ئۇنىڭغا مارشاللىق ئۇنۋانى بېرىلگەن.1992 - يىل5 - ئاينىڭ14 - كۈنى ۋاپات بولغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى