لى شىمىن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
مىلادىيە626 - يىلى بىر كۈنى سەھەردە، چىن بېگى لى شىمىن ئىشەنچلىك ئەسكەرلىرىنى باشلاپ چاڭئەندىكى تەيجى سارىيىنىڭ شۈەنۋۇ قوۋۇقى يېنىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. چوڭ ئاكىسى، ۋەلىئەھد لى جيەنچېڭ بىلەن چى بېگى بولغان تۆتىنچى ئىنىسى لى يۈەنجى ئوردىغا مېڭىش يولىدا بۇ يەردىن ئۆتۈشىگىلا، ئۇ قول ئاستىدىكىلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بۇ ئىككى تۇغقىنىنى ئۆلتۈرگۈزۈۋېتىدۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن، لى شىمىن ۋەلىئەھد بولىدۇ، مانا بۇ تارىختىكى مەشھۇر «شۈەنۋۇ قوۋۇقى ئۆزگىرىشى» دۇر.
لى شىمىن (599 −649 - يىللار) قەدىمكى دەۋردىكى داڭلىق سىياسىيون. لۇڭشىنىڭ ديېداۋ (بۈگۈنكى گەنسۇنىڭ لىنتاۋ ناھىيىسى) دېگەن يېرىدىن، ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن باشلاپلا مۇنتىزىم ئاقسۆڭەك تەربىيىسى ئالغان، چامباشچىلىقنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن، ھەربىي تەدبىرلەرنى ئۆگىنىشكە قىزىققان. ئۇ18 ياشقا كىرگەن يىلى، ھەرقايسى جايلاردا سۈي سۇلالىسىگە قارشى ھەققانىيەتچى قوشۇن باش كۆتۈرۈپ چىققان، نۇرغۇن ئاقسۆڭەكلەر ئۆز ئالدىغا ئەسكەر توپلاشقا باشلىغان، بۇنى كۆرگەن لى شىمىن دادىسى لى يۈەنگە ئەسكەر توپلاپ سۈي سۇلالىسىگە قارشى تۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن، لى يۈەن ئەسكەر توپلاپ، لى شىمىننى ئوڭ يۆنىلىش قوشۇنىنىڭ ئۇلۇغ تۇتۇقلۇقىغا تەيىنلىگەن. ئۇلار بۈگۈنكى سەنشىنىڭ خوشيەن ناھىيىسىگە توغرا كېلىدىغان جايدا سۈي قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىپ غەلىبە قىلغان. خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، لى يۈەننىڭ قوشۇنى تەرەققىي قىلىپ200 مىڭ كىشىگە يەتكەن، ئۇلار سۈي سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەننى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىشغال قىلغان. لى يۈەن پادىشاھ بولۇپ، تاڭ گاۋزۇ دەپ ئاتالغان. لى شىمىن باش دىۋانبەگلىكىگە تەيىنلىنىپ، چىن بېگى دەپ ئاتالغان. ئەينى چاغدا، ھەرقايسى بەگلىكلەر تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ، ھەر كىم ئۆز ئالدىغا يۇرت سوراۋاتقانىدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھەرقايسى بەگلىكلەرنى تىنچىتىپ، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جېڭى ئاساسلىقى لى شىمىننىڭ قوماندانلىقىدا غەلىبە قىلغان، شۇ چاغدا لى شىمىن ئاران24 ياشتا ئىدى.
شۈەنۋۇ دەرۋازىسى ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەن يىلى، تاڭ گاۋزۇ شاھىنشاھ دەپ ئاتالغان، لى شىمىن پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ، تارىختا تاڭ تەيزۇڭ دەپ ئاتالغان. لى شىمىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا، سۈي سۇلالىسىنىڭ تېزلا ھالاك بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ساۋاق ئېلىپ، خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ يىلتىزى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ: پادىشاھ − كېمە، خەلق بولسا سۇ، سۇ ھەم كېمىنى كۆتۈرەلەيدۇ، ھەم ئاغدۇرۇۋېتەلەيدۇ، دېگەن. شۇڭا، ئۇ نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىپ، خەلقنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتكەن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلغان. ئۇ كىشىلەرنى چۈشىنىش ۋە ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ، باشقىچە پىكىرلەرگە كەمتەرلىك بىلەن قۇلاق سالغان. كېڭەش بېگى ۋېي جېڭ ئۇنىڭ سەۋەنلىكىنى كۆپ قېتىم يۈزتۇرا تەنقىد قىلىپ، بەزىدە بېشىنى كۆتۈرەلمەس قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ، مۇۋاپىق تەنقىدلەرنى قوبۇل قىلغان. ۋېي جېڭ ئۆلگەندە، ئۇ بىر ئەينىكىمدىن ئايرىلىپ قالدىم، دەپ ھەسرەت چەككەن.
جېنگۇەننىڭ4 - يىلى (630 - يىلى)، لى شىمىن شەرقىي تۈركلەرنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇنى ھۆرمەت بىلەن «تەڭرىقۇت» دەپ ئاتايدىغان بولغان. جېنگۇەننىڭ15 - يىلى، مەلىكە ۋېن چېڭنى تۈبۈت خانى سۇڭزەن گەنبۇغا ياتلىق قىلىپ، زاڭزۇلارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن، خەنزۇلار بىلەن زاڭزۇلارنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتكەن. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرگەن، چېگرا رايونلارنى ئېچىپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە تاڭ سۇلالىسىدە دۆلەت گۈللەنگەن، ئەسكىرىي كۈچ كۈچەيگەن ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان يىلنامە جېنگۇەن بولغاچقا، بۇ مەزگىل تارىخىي كىتابلاردا »جېنگۇەن يىللىرىدىكى ئەلنى ئىدارە قىلىش« دەپ ئاتالغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، ئەسكىرىي كۈچىنى ئۇدا ئىشقا سېلىپ، ھەدەپ ئوردا - ساراي سالدۇرۇپ، ھاشار - سېلىقنى ئېغىرلىتىۋەتكەچكە، سىنىپىي زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن.