UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىخۇاڭ شىڭ

خۇاڭ شىڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى خۇاڭ شىڭ (1874 −1916 - يىللار) تەخەللۇسى كې چياڭ، خۇنەننىڭ شەنخۇا (ھازىرقى چاڭشا) دېگەن يېرىدىن، يېقىنقى زاماندىكى داڭلىق ئىنقىلابچى ۋە ھەربىي ئالىم. خۇاڭ شىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا چامباشلىقنى ياخشى كۆرگەچكە، ناھايىتى ئۇستا چامباشچى بولۇپ يېتىشىپ چىققان. چاڭشادىكى يۆلۇ مەكتىپى، ۋۇچاڭدىكى لياڭخۇ مەكتىپىدە ئوقۇغان، نەتىجىسى ئەلا بولغانلىقتىن،1902 - يىلى ياپونىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. ھەربىي ئىشلارغا بەك قىزىققاچقا، دائىم ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي مەشىقىنى كۆرۈپ تۇرغان ھەمدە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرىنى دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. دەرستىن سىرتقى چاغلىرىدا قارىغا ئېتىش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، يۇقىرى ماھارىتىگە تايىنىپ نۇرغۇن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.1903 - يىلى، ئۇ روسىيىگە قارشى پىدائىيلار ئەترىتىنى تەشكىللەشكە قاتنىشىپ، چارروسىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا تاجاۋۇز قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، كۈرەش ھاياتىنى باشلىغان.1903 - يىلى يازدا، خۇاڭ شىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، چاڭشادا ئوقۇتقۇچى بولغان، كېيىنكى يىلى، سۇڭ جياۋرېن، چېن تيەنخۇا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى بولغان. باشقا پارتىيە، جەمئىيەتلەر بىلەن ئاكتىپ ئالاقە باغلاپ، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ چاڭشادا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىنى پىلانلىغان، پىلانى ئىشقا ئاشمىغاندىن كېيىن، ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن.1905 - يىلى خۇاڭ شىڭ سۇن جۇڭشەننىڭ جۇڭگو ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىنى قۇرۇشىغا ھەمكارلىشىپ، سۇن جۇڭشەندىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تۆرىلىككە تەيىنلەنگەن. ھەربىي تالانتى يۇقىرى بولغاچقا، ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق ھەربىي ئىشلار رەھبىرى بولۇپ قالغان.1907 - يىلىدىن باشلاپ، ئۇ ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە قوزغىغان كۆپ قېتىملىق قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ھەمدە رەھبەرلىك ۋە قوماندانلىق قىلغان.1911 - يىلىدىكى خۇاڭخۇاگاڭ قوزغىلىڭىغا ئۆزى شەخسەن قوماندانلىق قىلغان.4 - ئاينىڭ27 - كۈنى، ئۇ100 دىن ئارتۇق ئىنقىلاب تايانچىدىن تەشكىل تاپقان پىدائىيلارنى باشلاپ، گۇاڭشى، گۇاڭجۇ ۋالىي مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلغان. ئۇرۇش داۋامىدا، خۇاڭ شىڭنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقى ئۈزۈلۈپ كەتكەن، شۇنداقتىمۇ ئۇ چىشىنى چىشلەپ قاتتىق ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، نامسىز بارمىقى بىلەن تەپكىنى بېسىپ دۈشمەنگە داۋاملىق ئوق ئۈزگەن. ئاخىرىدا، ئازچىلىق كۆپچىلىككە تەڭ كېلەلمەي قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن خۇاڭ شىڭنىڭ داڭقى چىقىپ، تەرەپ - تەرەپكە تارالغان.1911 - يىلى، ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، خۇاڭ شىڭ خۇبېي ئىنقىلابىي پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، خۇبېي ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ، ئىنقىلابىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان. خۇبېي ھەربىي ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ «خۇاڭ شىڭ كەلدى» دېگەن خەت يېزىلغان بايراقنى كۆتۈرگۈزۈپ، ۋۇچاڭ شەھىرى ۋە خەنكۇ ئىشغالىيەت رايونىدا باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان خۇبېي ئارمىيىسى ۋە خەلقىگە زور ئىلھام بەرگەن.1912 - يىلى جۇڭخۇا مىنگو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خۇاڭ شىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن.1913 - يىلى، ئۇ جۇمھۇرىيەت دېموكراتىيىسىنى قوغداش ئۈچۈن، يۈەن شىكەيگە قوراللىق جازا يۈرۈشى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، جياڭسۇ يۈەن شىكەيگە جازا يۈرۈشى قىلىش قوشۇنىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن، پىلانى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ياپونىيە، ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن.1916 - يىلى كېسەل سەۋەبىدىن شاڭخەيدە ۋاپات بولغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى