لې يى
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
لې يى ئەسلىدە ۋېي بەگلىكى بۈيۈك سانغۇنى لى ياڭنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك ھەمدە ئەسكەر ئىشلىتىشكە ماھىر بولغىنى ئۈچۈن جاۋ بەگلىكىگە ئەمەلدارلىققا كۆرسىتىلگەن. جاۋ بەگلىكىدە ئىچكى مالىمانچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ۋېي بەگلىكىگە كەتكەن. شۇ چاغدا، چى بەگلىكى يەن بەگلىكىدە ئىچكى مالىمانچىلىق يۈز بەرگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، يەن بېگى خۇيۇاڭنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. يەن بەگلىكىنىڭ ۋەلىئەھدى تەختكە ئولتۇرۇپ جاۋۋاڭ بولۇپ، نۇرغۇن پۇل ئاجرىتىپ ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ، چى بەگلىكىدىن ئۆچ ئېلىپ ھاقارەتنى يۇيۇپ تاشلاشقا بەل باغلىغان. لې يەن بېگى جاۋۋاڭغا ياردەمدە بولۇپ، ئىختىساسلىق كىشىلەرنى كۆرسىتىپ ۋەزىپىگە قويدۇرغان،28 يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، يەن بەگلىكى پەيدىنپەي قۇدرەت تېپىپ ۋە لەشكەرلىرى باتۇر، ئۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، چى بەگلىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاساس سېلىنغان.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى284 - يىلىدا، يەن بېگى جاۋۋاڭ لې يىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، چى بېگى مىنۋاڭ مۇستەبىتلىكنى يولغا قويغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، باشقا بەگلىكلەر بىلەن بىرلەشكەن. لې يى يەن بەگلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سانغۇنى سالاھىيىتى بىلەن، جاۋ بەگلىكىنىڭ بەلگىسىنى ئېسىپ، يەن بەگلىكىنىڭ ئاساسىي قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، چىن، جاۋ، خەن، ۋېي بەگلىكلىرى قوشۇنلىرى بىلەن بىللە چى بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلغان. چى قوشۇنى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ، تەرەپ - تەرەپكە قاچقان. لې يى تۆت بەگلىكنىڭ قوشۇنلىرىنى قايتۇرۇۋېتىپ، ئۆزى يەن قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ چى بەگلىكىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، چى بەگلىكىنىڭ ئاستانىسى لىڭزى (ھازىرقى شەندۇڭ ئۆلكىسى زىبۇ شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) نى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ، چى بەگلىكىنىڭ قىممەت باھالىق بۇيۇملىرى، مال - مۈلۈكلىرى ۋە قورال - جابدۇقلىرىنى ئولجا ئېلىپ، يەن بەگلىكىگە ئەۋەتكەن. يەن بېگى جاۋۋاڭ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، لې يىگە ئەلنى قۇدرەت تاپتۇرغۇچى بەگ، دەپ نام بەرگەن ھەم لې يى چى بەگلىكىنى داۋاملىق تىنچىتسۇن، دەپ پەرمان چۈشۈرگەن.
لې يى نۇسرەت تاپقان قوشۇنىنى باشلاپ، بەش يولغا بۆلۈنۈپ چى بەگلىكىنىڭ شەھەر - قەلئەلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېرىم يىلدا چى بەگلىكىنىڭ70 نەچچە شەھىرىنى ئىشغال قىلغان، پەقەت ئىككى شەھەر (يەنى لۇيچېڭ شەھىرى بىلەن جىموچېڭ شەھىرى)لا قېپقالغان. چى بېگى مىنۋاڭ لۇيچېڭ شەھىرىگە قېچىپ كەتكەندە، چى بەگلىكىگە ياردەمگە كەلگەن چۇ بەگلىكى قوشۇنىنىڭ سانغۇنى جوچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. لې يى چى بېگى مىنۋاڭنىڭ مۇستەبىتلىكىنى بىكار قىلىپ، ئالۋان - ياساقنى يېنىكلىتىپ، چى بەگلىكىنىڭ پۇقرالىرىنى ئەمىن تاپتۇرغان ھەم لەشكەر تارتىپ، لۇيچېڭ شەھىرى بىلەن جىموچېڭ شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغان. بەش يىلدىن كېيىن، يەن بېگى جاۋۋاڭ ئۆلگەن، خۇيۋاڭ تەختكە ئولتۇرغان. ئۇ چى بەگلىكى سانغۇنى تيەن شەننىڭ ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ھىيلىسىگە ئالدىنىپ، سانغۇن چى جيېنى چى بەگلىكىگە لې يىنىڭ ئورنىدا لەشكەرلەرگە قوماندانلىق قىلىشقا ئەۋەتكەن. لې يى بالايىئاپەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جاۋ بەگلىكىگە كەتكەن ھەم تۆرىلىككە قويۇلۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تۆرە بولغان. كېيىن، تيەن شەن ئوت ئىستىھكاملىرىنى قۇرۇپ، يەن قوشۇنىنى تارمار قىلىپ ۋە چى جيېنى ئۆلتۈرۈپ، چى بەگلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، لې يىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋەيران بولغان.