لى گۇاڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
«ئورمان ئىچى شاماللىق، گىياھ يەلپۈنەر، سانغۇن ئوقنى كېچىدە نىشانلاپ ئاتقان؛ تاڭ ئاتقاندا ئىزدىسە ئاق پەيلىك بۇ ئوق، قىيا تاشنىڭ ئىچىدە قىسىلىپ ياتقان» دېگەن شېئىردا غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ سانغۇنى لى گۇاڭ شىكارغا چىققان چاغدىكى ئەھۋال تەسۋىرلەنگەن. شۇ چاغدا ئاي غۇۋا شولا چېچىپ تۇرغان، ئورمانلىق تاغدا شامال چىقىپ تۇرغان بولۇپ، بىر يولۋاس كۆرۈنەر - كۆرۈنمەي ئوت - چۆپ ئارىسىدا يوشۇرۇنۇپ ياتقاندا، سانغۇن لى گۇاڭ يادىن ئوق ئۈزگەن. تاڭ ئاتقاندا، سانغۇن ھېلىقى ئاق پەيلىك ئوقنى ئىزدىگەن، ئەمما ئوق تاشنىڭ ئارىسىدا تۇرغان.
لى گۇاڭ (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى119 - يىللىرى ئۆتكەن) لۇڭشى چېڭجىلىك (بۈگۈنكى گەنسۇ ئۆلكىسى جىڭنىڭ ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) بولۇپ، سانغۇنلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كىچىك چاغلىرىدىن تارتىپلا چېگرا رايوننى قوغداشقا بەل باغلىغان. خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ۋېندى ھونلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى كۈرەش قىلغاندا، ئۇ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، دۈشمەننى قىرىپ خىزمەت كۆرسەتكەن ھەم شەرەپ بىلەن مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ تامغاچ ئەمەلدارى بولغان. بىر قېتىم، پادىشاھ ۋېندى سىرتقا ئىشلارنى كۆزىتىشكە چىققاندا، لى گۇاڭ ئۇنى ھىمايە قىلىپ مېڭىپ، يىرتقۇچ ھايۋان بىلەن تەنھا ئېلىشقان. ۋېندى: «ئەپسۇس، سەن ئۆز زامانەڭدە تۇغۇلمىغان ئىكەنسەن، ئەگەر گاۋزۇ (ليۇ باڭ) زامانىسىدا تۇغۇلغان بولساڭ، تۈمەن تۈتۈنبېگى بولۇشۇڭدا گەپ يوق ئىدى» دەپ ئاپىرىن ئوقۇغان.
خەن سۇلالىسى پادىشاھ جىڭدى تەختتىكى چاغدا، لى گۇاڭ سەددىچىن بويىدا جەڭ قىلىپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ شاڭگۇ، يەنمىن، يۈنجۇڭ قاتارلىق ۋىلايەتلەرنىڭ ۋالىيسى بولۇپ، ئۇدا بىرقانچە يىل ھونلارغا قارشى قان كېچىپ جەڭ قىلغان. ئۇ سۆزگە ماھىر بولمىسىمۇ، لېكىن ئەسكەرلەرگە ناھايىتى مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان، ئۇلارنى مۇرەككەپ قائىدىلەر بىلەن چۈشەپ قويمىغان، ئۆزىگە تەگكەن مۇكاپات - ئىنئاملارنى تامامەن ئەسكەرلەرگە بۆلۈپ بەرگەن. ئۇ ئىزچىل تۈردە ئەسكەرلەر بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولغان، قوشۇن ھەر قېتىم چۆل - جەزىرىلەردە يۈرۈش قىلىپ، لەشكەرلەر سۇسىز قالغاندا، ئۇ ھەرگىز سۇ بار جايغا يولىمىغان؛ ئەسكەرلەر ئاچ قالغاندا، ئۇ غىزالانمىغان. شۇڭا، ئەسكەرلەر ئۇنى ناھايىتى ھىمايە قىلىپ، ئۇرۇشتا جان تىكىپ جەڭ قىلغان.
لى گۇاڭ قوللىرى ئۇزۇن، ئاتقان ئوقى زايە كەتمەيدىغان ماھىر مەرگەن ھەم ھەربىي ئىشلار تەدبىرلىرىنى پىششىق بىلىدىغان ئادەم بولۇپ، كۆپ قېتىم تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كەلگەچكە، ھونلار ئۇنىڭدىن ناھايىتى قورقىدىغان بولغان، شۇڭا ئۇ «ئۇچقۇر سانغۇن» دەپ ئاتالغان. بىر قېتىم، لى گۇاڭ100 دىن ئارتۇق چەۋەندازنى باشلاپ كېتىپ بېرىپ، توساتتىن ھونلارنىڭ نەچچە مىڭ كىشىلىك چوڭ ئاتلىق قوشۇنىغا ئۇچراپ قالغان، ئۇ چېكىنىشكە ئۈلگۈرەلمەي، ئەسكەرلەرگە ئاتتىن چۈشۈپ، ئاتلارنىڭ ئېگەرلىرىنى ئېلىۋېتىشنى بۇيرۇغان، ھونلار بۆكتۈرمە لەشكەرلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچراشتىن قورقۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە پېتىنالماي، ئارقىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن لى گۇاڭ خەتەردىن قۇتۇلغان.
خەن ۋۇدى خەن سۇلالىسى تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، لى گۇاڭنى ياساۋۇل بەگ قىلىپ تەيىنلەپ، ئاساسەن چېگرا جايلارنى مۇداپىئە قىلىشقا قويغان. بىر قېتىملىق جەڭدە، لى گۇاڭ يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان، دۈشمەن تەرەپ يالاپ ئەكېتىۋاتقاندا، ئۇ زەمبىلدىن سەكرەپ ئات ئۈستىگە چىقىپ، ئاتتىكى ھون لەشكىرىنى ئىتتىرىۋېتىپ، تارتىۋالغان يادىن ئوق ئۈزۈپ، قوغلاپ كەلگەن لەشكەرلەرنى چېكىندۈرۈپ، ئۆزى خەتەردىن قۇتۇلۇپ قايتىپ كەتكەن. يەنە بىر قېتىم ھونلارغا ھۇجۇم قىلغاندا، لى گۇاڭ4000 دىن ئارتۇق چەۋەندازنى باشلاپ كېتىۋېتىپ، ھونلارنىڭ سول قول بىلىكخانىنىڭ40 نەچچە مىڭ لەشكىرى بار چوڭ قوشۇنىغا ئۇچراپ قالغان. ئۇ ئوغلى لى گەنگە قوشۇننى باشلاپ مۇھاسىرىنى يېرىپ چىقىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، قوشۇننى خاتىرجەم قىلىدۇ. خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى دۈشمەنگە يۇمىلاق دائىرىلىك ئىستىھكام تۈزۈپ قارشى تۇرغان بولسىمۇ، لەشكەر − سانغۇنلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تالاپەتكە ئۇچرىغان. ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە، لى گۇاڭ يا ئوقى بىلەن ھون سانغۇنىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىنى تارمار قىلغان. ئەتىسى ياردەمگە كەلگەن قوشۇن يېتىپ كېلىپ، ھونلارنىڭ مۇھاسىرىنى يىغىشتۇرۇپ كەتكەن.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى119 - يىلى،60 ياشتىن ئاشقان لى گۇاڭ چىنداۋۇل قوشۇنىنىڭ سانغۇنى بولۇپ، سەركەردە ۋېي چىڭ بىلەن بىللە شىمالغا ھونلارغا زەربە بېرىشكە ماڭغاندا، يولدا نىشاندىن ئادىشىپ قېلىپ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقى ئۈچۈن تەنبىﮫ ئاڭلاپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۇچقۇر سانغۇن لى گۇاڭ ئۆمۈرۋايەت ئۇرۇش قىلىپ، ھونلارغا قارشى70 نەچچە قېتىم جەڭ قىلغان. ئۇ باتۇرانە جەڭ قىلىدىغانلىقى بىلەن نام چىقىرىپ، نۇرغۇن قېتىم ئاجايىپ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بەگ بولالمىغان.