ماۋ زېمىن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
ماۋزېمىن (تەخەللۇسى رۇڭ لىيەن) 1896 - يىلى 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خۇنەن ئۆلكىسى شياڭتەن ناھىيسىنىڭ شاۋ شەن دېگەن يېرىدە تۇغۇلىدۇ. 1922 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نەشرىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتى دۆلەت بانكىسىنىڭ باشلىقى، خەلق ئىگىلىكى مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. ئۇزۇن سەپەر مەزگىلىدە جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسىنىڭ 1 - يۆنىلىش ئارمىيىسى 3 - زۇڭدۈينىڭ دادۈيجاڭى بولىدۇ. 1938 - يىلى شىنجاڭغا كېلىپ مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. 1942 - يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 1943 - يىل 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 46 يېشىدا شىنجاڭ تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.