شۈ شىلىن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
شۈ شىلىن (1873 −1907 - يىللار) جېجياڭنىڭ شەنيىن (ھازىرقى شاۋشىڭ) دېگەن يېرىدىن. يېقىنقى زاماندىكى داڭلىق دېموكراتىك ئىنقىلابچى. ئىلگىرى ئۇ يۇرتىدا مائارىپ بىلەن شۇغۇللانغان.1903 - يىلى ياپونىيىگە ئېكسكۇرسىيىگە بېرىپ، ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىك ئىنقىلاب ئىدىيىۋى ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئىنقىلاب بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىرادە باغلىغان. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شاۋشىڭ كىتابخانىسىنى ئېچىپ، ئىنقىلابىي ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىي ھاياتىنى باشلىغان.1904
- يىلى شۈ شىلىن شاڭخەيدە گۇاڭفۇخۇي جەمئىيىتىگە قاتنىشىپ، جياڭسۇ، جېجياڭدىكى ئۇيۇشمىلار بىلەن پائال ئالاقە باغلاپ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى مەخپىي پىلانلىغان. كېيىنكى يىلى، ئۇ شاۋشىڭدا داتۇڭ مەكتىپىنى قۇرۇپ، ئۇيۇشما تايانچلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇپ، ئىنقىلابقا كۈچ توپلىغان ھەمدە ھەربىي، تەنتەربىيە مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىش نامى بىلەن نۇرغۇن قورال - ياراغ، ئوق - دورا سېتىۋېلىپ، قوزغىلاڭغا تەييارلىق قىلغان.1906 - يىلى ئىنقىلاب پائالىيىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ پۇل ئىئانە قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئېرىشمەكچى بولغان ھەمدە ئەنخۇيدىكى ئەنچىڭنىڭ ئەمەلدارلىق نامزاتىغا كۆرسىتىلىپ، ئەنخۇي چارلاش ساقچىخانىسىنىڭ يانداش نازارەتچى ئامباللىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ بۇ سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىنقىلابىي تەشكىلاتنى تەرەققىي قىلدۇرغان ھەمدە چيۇ جىن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ1907 - يىلى7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنخۇي، جېجياڭدا بىرلا ۋاقىتتا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى پىلانلىغان. لېكىن، ئىنقىلابىي پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا خائىن چىقىپ قالغاچقا، ئۇ مۇددەتتىن بۇرۇن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.1907
- يىل7 - ئاينىڭ6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئەنخۇي چارلاش ساقچىلىرى مەكتىپىدە ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، ئەنخۇينىڭ باش مۇپەتتىشى ئېن مىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى باشلاپ مۇراسىمغا قاتناشقان. مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا، شۈ شىلىن تۇيۇقسىز ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېن مىڭنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ھەمدە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ، ھەربىي قورال پونكىتىنى ئىشغال قىلىپ، ئۆزلىرىنى تۇتقىلى كەلگەن چىڭ قوشۇنى بىلەن كەسكىن ئېتىشقان. لېكىن، ئۇلار ئاز، دۈشمەن كۆپ بولغاچقا، ئېتىشىش داۋامىدا يارىلىنىپ قولغا چۈشۈپ قالغان. ئەتىسى ئۇنىڭغا قورسىقىنى يېرىپ يۈرىكىنى سۇغۇرۇۋېلىش جازاسى بېرىلىپ، شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان.