UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىجاۋ جيەنفېڭ

جاۋ جيەنفېڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى گېنېرال لېيتنانت جاۋ جيەنفېڭ 1998 - يىلى (گۇاڭشۈينىڭ 24 - يىلى) خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇچاۋ ناھىيىسىدە تۇغۇلىدۇ. كېيىن دادىسى بىلەن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇلەن ناھىيىسىگە بېرى ئولتۇراقلىشىدۇ. جاۋ جيەنفېڭ مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە بېزىلىق مەكتەپتە، 12 يېشىدىن باشلاپ خۇلەن ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك مەكتپىدە ئوقۇيدۇ. 1918 - يىلى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك ئوفىتسېرلار يېتىشتۈرۈش مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، 1920 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، خېيلۇڭجياڭ 1 - بىرلەشمە برىگادا قوغداش ئەترىتىنىڭ لېيتنانت دەرىجىلىك پەيجاڭ بولىدۇ. شۇ يىلى ليەنجاڭلىققا ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاتلىق قىسىم زاپاس ئەسكەرلەر يىڭىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ. 1921 - يىلى قىشتا جاۋ جيەنفېڭ شىنياڭدىكى بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ياپۇنيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپى ئاتلىق قىسىمىغا ئەۋەتىلىدۇ. 1923 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ خاربىن دۇڭشىڭ تۆمۈر يول ئاسراش ھەربىي باش شتابىدا كاپىتان دەرىجىلىك مۇئاۋىن تۇەنجاڭلىققا ئۆستۈرۈلىدۇ. كېيىن خېيلۇڭجياڭ ئاتلىق قىسىم 38 - تۇەنىگە مايور دەرىجىلىك مۇئاۋىن تۇەنجاڭلىققا ئۆستۈرۈلىدۇ. كېيىن خېيلۇڭجىياڭ ئاتلىق قىسم 38 - تۈەنىگە مايور دەرىجىلىك مۇئاۋىن تۇەنجاڭ بولىدۇ. 1927 - يىلى خېيلۇڭجياڭ يۈنخې بازىرىنى ساقلاش ئەترىتىنىڭ سەنمۇلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. كېيىن مودەنجاڭ پىيادىلەر زاپاس تۇەنى 2 - يىڭىنىڭ باشلىقى، 1928 - يىلى خاربىن مانجۇرىيە ئالدىنقى سەپ پىيادىلەر 1 - بىردىگادا قوغداش ئەترىتىدە پودپولكوۋنىك دەرىجىلىك لىيەنجاڭ بولىدۇ. «18 - سېنتەبىر» ۋەقەسىدە جاۋجيەنفېڭ مەنجۇرىيەت تۆمۈر يولى ئاسراش ئارمىيىسى قارىمىقىدىكى سۇبىڭنىڭ دۆلەت قۇتقۇزۇش ئارمىيىسىدە بولىدۇ. 1931 - يىلى جاۋ جيەنفېڭ سۇبىڭنىڭ دۆلەت قۇتقۇزۇش ئارمىيىسىدە بولىدۇ. 1931 - يىلى جاۋ جيەنفېڭ سۇبىڭنىڭ ئاتلىق قىسمىدا پولكوۋنىڭ دەرىجىلىك ئەترەت باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. شۇ كۈنلەردە ئۇ چىچىخاردىن مانجۇرىيەگىچە بولغان تۆمۈر يولنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. 1932 - يىلى 8 - ئايدا سۇبىڭنىڭ قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ، 12 - ئايدا مانجۇرىيەدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىبىرىيە رايونىغا چېكىنىدۇ. 1933 - يىلى 2 - ئايدا جۇڭگو - سوۋېت ئىككى دۆلەت كېلىشم ھاسىل قىلىپ، شەرقىي شىمالدىن روسىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا چېكىنگەن 40 مىڭدىن ئارتۇق قوشۇننىڭ بىر قىسمى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، 1933 - يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىكى «12 - ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىش» گە قاتنىشىدۇ. شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن جاۋ جيەنفېڭنى شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسى مەمۇرىي باشقارمىسىنىڭ گېنېرال دەرىجىلىك مۇئاۋىن باشقارما باشلىقلىقىغا تەيىنلەيدۇ. 1935 - يىلى جاۋ جيەنفېڭ شىنجاڭ ئوفىتسېرلار مەكتىپىگە تەلىم - تەربىيە باشلىقى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. 1936 - يىلى گېنېرال لېيتنانت بولۇپ ئۆستۈرۈلىدۇ. 1937 - يىلى ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىدا باشقارما باشلىقى بولىدۇ. شۇ يىلى 11 - ئايدا تارباغاتاي مەمۇرىي مەھكىمە ۋالىيىسى، قوشۇمچە گارنىزون قوماندانى، چېگرا قوغداش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. 1942 - يىلى 4 - ئايدا شېڭ شىسەينىڭ تېلېگراممىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، «12 - ئاپرېل» نى تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. شۇ كۈنلەردە شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭغا رەئىس بولغاندا، يەنى 1944 - يىلى 10 - ئايدا قويۇپ بېرىلىدۇ. ۋۇجۇڭشىن جاۋ جيەنفېڭنى ئۆلكىلىك تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. 1946 - يىلى 7 - ئايدا قويۇپ بېرىلىدۇ. ۋۇجۇڭشىن جاۋ جيەنفېڭنى ئۆلكىلىك تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. 1946 - يىلى 7 - ئايدا جاڭ جىجۇڭ گومنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ. جاۋ جيەنفېڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئىتى قوشۇمچە ئىجتىمائىي ئىشلار باشقارما باشلىقى بولىدۇ. 1946 - يىلى 11 - ئايدا نەنجىڭدا گومىنداڭ قۇرۇلتايغا قاتنىشىدۇ. قۇرۇلتاي ئاياغلاشقاندىن كېيىن جاۋ جىيەنفېڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى ئىجتىمائىي ئىشلار باشقارما باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، گېنېرال لېيتنانت دەرىجىسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك سەنمو بولىدۇ. 1949 - يىلى بۇرھان شەھىدى شىنجاڭ ئۆلكىسىگە رەئىس بولغاندا جاۋ جيەنفېڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تەيىنىلىنىدۇ. 1949 - يىلى 8 - ئايدىن 9 - ئايغىچە بۇرھان شەھىدى ۋە تاۋسىيۇغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن جاۋ جيەنفېڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى
جاۋ جيەنفېڭ | UyghurWiki | UyghurWiki