UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىجاۋ كۇاڭيىن

جاۋ كۇاڭيىن

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى مىلادىيە960 - يىلى يېڭى يىلدا، كېيىنكى جۇ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى كەيفېڭغا شىمالىي خەن سۇلالىسى بىلەن قىتانلار بىرلىشىپ كېيىنكى جۇ سۇلالىسىگە باستۇرۇپ كېلىۋېتىپتۇ، دېگەن خەۋەر كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ باش نازارەتچىسى (مۇھاپىزەتچى قوشۇننىڭ ئالىي قوماندانى) جاۋ كۇاڭيىن (976 −927 - يىللار) بۇيرۇققا بىنائەن قوشۇن باشلاپ دۈشمەنگە قارشى ھۇجۇمغا ئاتلىنىدۇ. چوڭ قوشۇن كەيفېڭغا45 كىلومېتىر كېلىدىغان چېنچياۋ ئۆتىڭىگە كەلگەندە، بىر لەشكىرىي ئەمەلدار ئاسماندا ئىككى قۇياشنى كۆرگەنلىكىنى، كېيىن چىققىنىنىڭ تولىمۇ نۇرلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، جاۋ كۇاڭيىننىڭ ئۇكىسى جاۋ كۇاڭيى قاتارلىقلارنىڭ پىلانلىشى ئارقىسىدا، لەشكىرىي ئەمەلدارلار ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان سېرىق توننى جاۋ كۇاڭيىنغا كىيدۈرىدۇ، شۇئان ئەتراپتىن «ياشىسۇن» دېگەن سادالار ياڭرايدۇ. شۇنداق قىلىپ، جاۋ كۇاڭيىن قوشۇننى باشلاپ كەيفېڭغا قايتىپ كېلىپ، پادىشاھ بولىدۇ ھەمدە سۇلالە نامىنى سۇڭ دەپ ئۆزگەرتىدۇ. بۇ ئىش تارىختا «چېنچياۋ ئۆتىڭىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش» دەپ ئاتالغان. جاۋ كۇاڭيىن جۇجۈن (بۈگۈنكى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جۇشيەن ناھىيىسى) دېگەن يەردىن بولۇپ، ئەمەلدار ئەۋلادىدىن. ئۇ كىچىكىدىنلا چامباشچىلىق ماھارىتىنى ئۆگەنگەن، تەمبەل، قورقماس چوڭ بولغان، ھەربىي تەدبىرلەرنى پىششىق ئىگىلىگەن، ئىشلارغا جىددىي تاقابىل تۇرالايدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرگەن. ئەڭ دەسلەپتە جۇ تەيزۇ − گوۋېيغا ئەگەشكەن، جۇ شىزۇڭ دەۋرىدە لەشكىرىي ئەمەلدارلىققا تەيىنلىنىپ، كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. شىمالىي خەن سۇلالىسى تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەندە، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن دۈشمەن سېپىگە ھۇجۇم قىلىپ، گاۋپىڭ دېگەن يەردە خەن سۇلالىسى قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. جۇ شىزۇڭ جەنۇبقا ھەربىي يۈرۈش قىلغاندا، ئۇ چىڭليۇگەندىكى جەڭدە جەنۇبىي تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھېراۋۇلىنى ئۆلتۈرۈپ، دۈشمەن قوشۇنىنىڭ ئاساسلىق سەركەردىسىنى تىرىك قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن، ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ باش نازارەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن. چېنچياۋ ئۆتىڭىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، كەيفېڭنى پايتەخت قىلىپ، يىلنامىنى جيەنلۇڭغا ئۆزگەرتكەن، كېيىنكىلەر ئۇنى سۇڭ تەيزۇ دەپ ئاتىغان. جاۋ كۇاڭيىن پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاۋۋال جەنۇبنى، ئاندىن شىمالنى تۈزەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جەنۇبىي جىڭ، خۇنەن، كېيىنكى شۇ، جەنۇبىي خەن، جەنۇبىي تاڭ قاتارلىق بەگلىكلەرنى ئارقا - ئارقىدىن يوقىتىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن جەنۇبتىكى كۆپ قىسىم جايلارنى كونترول قىلغان. ئوردىدا خەزىنە تەسىس قىلىپ، بايلىق توپلاپ، شىمالىي خەن سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا ۋە قىتانلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان يەنيۈەندىكى16 ئايماقنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھازىرلىق قىلغان. جاۋ جەمەتى پادىشاھلىقىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش ئۈچۈن، جاۋ كۇاڭيىن »ھەربىي ھوقۇقنى زىياپەت بىلەن مەھرۇم قىلىش« تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، مۇھاپىزەتچى قوشۇننىڭ قورۇقچى سانغۇنى بىلەن قارام ئەل قورغانلىرىنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى تارتىۋالغان، ئۇ ئورۇنباسار ۋەزىر، زوراغا، ئۈچ مەھكىمە باشلىقى قاتارلىق ئەمەللەرنى تەسىس قىلىپ، ۋەزىرلەرنىڭ ھوقۇقىنى تارقاقلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركەزنىڭ يەرلىككە بولغان باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئەمەلدارلار، قەلەمدارلارنى ئىشقا قويۇش، يەرلىك ئەمەلدارلار بىر - بىرىنى نازارەت قىلىش، پادىشاھ ئالدىدا جاۋابكار بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. ئۇ يولغا قويغان سىياسىي تەدبىرلەرنىڭ تەسىرىدە، ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن مۇستەبىت ھاكىمىيەت كۈچىيىپ، بەش دەۋردىن قالغان قالايمىقان جەڭ قىلىپ بۆلۈنۈپ كېتىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەن. لېكىن، ئۇ «قەلەمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەلەمگە سەل قارايدىغان»، بىر تەرەپلىمە ھالدا ئىچكى جەھەتتىكى مۇداپىئىگىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان سىياسەتنى يۈرگۈزگەچكە، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىدە «خەلق نامراتلىشىش، دۆلەت ئاجىزلاپ كېتىش» تەك يوشۇرۇن خەۋپنىڭ پەيدا بولۇشىغا شارائىت ھازىرلىنىپ قالغان. جاۋ كۇاڭيىن تەختتە ئولتۇرغان17 يىلدا، يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بوز يەر ئېچىشقا ئىلھام بەرگەن، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى گۈللەندۈرۈپ، بيەنخې دەرياسى مەركەز قىلىنغان قانالنى تىزگىنلەپ، ئىجتىمائىي ئىقتىسادنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان. ئۇ شىمالنى قايتۇرۇۋېلىش غايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئويىدا بولۇۋاتقان كۈنلەردە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى
جاۋ كۇاڭيىن | UyghurWiki | UyghurWiki