ليۇ بوچېڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
1916 - يىلى ليۇ بوچېڭ شەرقىي سىچۇەندىكى دۆلەت قوغداش ئارمىيىسىنى باشلاپ يۈەن شىكەي ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا، بەختكە قارشى ماڭلىيى بىلەن سول كۆزى زەخىملىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، گېرمانىيىلىك بىر دوختۇر ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلماقچى بولىدۇ، لېكىن ئۇ ناركوز دورىسى ئىشلىتىشكە قەتئىي ئۇنىماي تۇرۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، دوختۇر ئوپېراتسىيە پىچىقى بىلەن ئۇنىڭ ئوڭ كۆزىنىڭ ئالمىسىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن كۆزىنىڭ چانىقىدىكى چىرىپ كەتكەن گۆشلەرنى بىر - بىرلەپ ئويۇپ ئېلىۋېتىدۇ. ئۇ چىدىغۇسىز ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، بىر ئېغىزمۇ ئاۋاز چىقارماي چىداپ تۇرۇپ بېرىدۇ. ئوپېراتسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھېلىقى دوختۇر باشمالتىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ: «ئۇ ھەربىي ئەمەس، بەلكى ھەربىي ئىلاھ ئىكەن» دەيدۇ.
ليۇ بوچېڭ (1892 −1986 - يىللار) سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ كەيشيەن ناھىيىسىدىن، جۇڭگونىڭ مەشھۇر پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، ھەربىي ئالىمى.1926 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، شۇ يىلى لۇ (جۇ)، شۇن (چىڭ) قوزغىلىڭىغا قاتناشقان، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا ماسلىشىپ، مىللىي ئىنقىلاب ئارمىيىسى ۋاقىتلىق15 - جۈننىڭ جۈنجاڭى بولغان.1927 - يىلى نەنچاڭ قوزغىلىڭىنىڭ قوماندانلىق خىزمىتىگە قاتنىشىپ، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ سەنمۇجاڭى بولغان.1932 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ج ك پ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باش سەنمۇجاڭلىقىغا تەيىنلىنىپ، «قورشاپ يوقىتىش» ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋە قوماندانلىق قىلغان.
قىزىل ئارمىيىنىڭ ئۇزۇن سەپىرىدە، ليۇ بوچېڭ قىسىمغا قوماندانلىق قىلىپ ۋۇجياڭ دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، زۇنيىنى ئىشغال قىلىپ، جىنشاجياڭ دەرياسىدىن پەم بىلەن ئۆتكەن. ئاندىن كېيىن يەنە قىزىل ئارمىيىنىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگۈچى قىسمىنى باشلاپ قىزىل ئارمىيىنىڭ ئاساسىي كۈچىگە يول ئېچىپ ماڭغان. دالياڭشەندە يىزۇلارنىڭ ئاقساقىلى شياۋ يېدەن بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش ئۈچۈن قان ئىچىپ قەسەم قىلىپ، قىسىمنى يىزۇلار رايونىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزگەن.
ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ليۇ بوچېڭ8 - ئارمىيە129 - شىسىنىڭ شىجاڭلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ قىسىمنى باشلاپ خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ياپون ئالۋاستىلىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن زەربە بەرگەن. قىسىمغا قوماندانلىق قىلىپ ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ياڭمىڭباۋ ئايرودرومىغا ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننىڭ24 ئايروپىلانىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن، يەنە »يۈز پولك ئۇرۇشى«غا قاتناشقان. چوڭ - كىچىك ئۇرۇشلارغا500 قېتىمدىن ئارتۇق قاتناشقان. ئۇ دېڭ شياۋپىڭ بىلەن بىللە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى سەنشى - خېبېي - شەندۇڭ - خېنەن ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرغان.
ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ليۇ بوچېڭ1947 - يىلى دېڭ شياۋپىڭ بىلەن بىللە سەنشى - خېبېي - شەندۇڭ - خېنەن دالا ئارمىيىسى (كېيىن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ2 - دالا ئارمىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن)نى باشلاپ خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، شەندۇڭنىڭ غەربىي جەنۇبىدا گومىنداڭ ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان؛ نەچچە مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ دابيېشەن تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رايونلارنىڭ يۈرىكىگە نەشتەردەك سانجىلغان.1948 - يىلى1 - ئايدا، ئۇ دېڭ شياۋپىڭ قاتارلىق يولداشلار بىلەن بىللە خۇەيخەي ئۇرۇشىنى كونكرېت تەشكىللەپ ۋە قوزغاپ، زور غەلىبىگە ئېرىشكەن.1949 - يىلى4 - ئايدا، يەنە چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش ئۇرۇشىنى قوزغاپ، قىزىل بايراقنى گومىنداڭنىڭ نەنجىڭدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە قادىغان ھەمدە نەنجىڭ شەھىرىنىڭ تۇنجى شەھەر باشلىقى بولغان.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ھەربىي ئىشلار ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.1955 - يىلى ئۇنىڭغا مارشال ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئۇ ناھايىتى يۇقىرى قوماندانلىق سەنئىتىگە ۋە ئۇرۇش تاكتىكىسىغا ئىگە بولۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشىغا كاتتا خىزمەت كۆرسەتكەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.