UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىماجۇڭيىڭ

ماجۇڭيىڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى ماجۇڭيىڭ گەنسۇ ئۆلكىلىك(نىڭشيالىق)، ئۇنىڭ بوۋىسى مابۇفاڭ بىلەن قېرىنداش بولۇپ، چىڭ ئوردىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى بولغان. ماجۇڭيىڭنىڭ دادىسى ماباۋ نىڭخەي ئارمىيسى ئاتلىق 11 - باتاليوننىڭ كوماندىرى (يىڭجاڭ) بولغان. ماجۇڭيىڭ ياش ۋاقتىدا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئوقۇيدىغان ھەربىي مەكتەپتە تەربىيلەنگەن. دادىسى ماباۋ ئۆلگەندە، دادىسىنىڭ ئورنىغا (17 ياش ۋاقتىدا) باتاليون كوماندىرى بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ماجۇڭيىڭ بالا ۋاقتىدىلا شوخ، قاب يۈرەك، تاش ئېتىپمۇ نىشانغا تەككۈزەلەيدىغان ماھارەتكە ئىگە چوڭ بولغان. ئۇ 14 ياش ۋاقتىدا بىر قانچە شوخ بالىلار بىلەن بىرلىشىپ، تاش ئېتىپ بىر قانچە ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ، قورالىنى تارتىۋالغان. 17 ياش ۋاقتىدا فېڭ يۈيشاڭ، ليوبوفىڭغا قارشى تۇرۇش شوئارى ئاستىدا ئەسكەر توپلاپ ئۇرۇش قىلغان. شۇ چاغدا كىشىلەر ئۇنىڭغا «گاسىلىڭ» دەپ نام بەرگەن. بۇ چاغدا جياڭ جېيشى ماجۇڭيىڭ ئارقىلىق فېڭ يۈيشاڭنى تىزگىنلەش غەرىزىدە، ماجۇڭيىڭغا 36 - دىۋىزىيىنىڭ شىجاڭلىقىنى بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن «گاسىلىڭ» غەربىي شىمالدىكى تۆت ئۆلكىنى پاراكەندە قىلىپ، جۇڭگودىكى يېقىنقى زامان مىللىتارسىتلار تارىخىدا بىر سەھىپە ئىگەللەپ تۇردى. 1928 - يىلى ياڭ زېڭشىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن جىن شۇرېن ھەربىي مەمۇرىي ھوقۇقىنى ئىگەللىدى. بۇ چاغدا شىنجاڭدا جىن شۇرېن ھاكىميىتىگە قارشى قۇمۇلدىن باشلانغان دېھقانلار قوزغىلىڭى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى ھەممە يەرنى قاپلىدى. دېمەك، شىنجاڭ ئېغىر داۋالغۇش ئىچىدە قالدى. بۇ چاغدا «تۆمۈرنى قىزىقىدا سوققان» جىن شۇرېن بىر بۆلەك شىنجاڭغا پاناھ ئىزلەپ كەلگەن ئاق ئورۇسلار ۋە شەرقىي شىمالدىن شىنجاڭغا چېكىنگەن پىدائىيلارنىڭ ھىمايىسىدە «12 - ئاپرىل سىياسى ئۆزگىرىشى»نى قوزغاپ يېڭى ھۆكۈمەت قۇردى. شېڭ شىسەي سۈيىقەست ئىشلىتىپ، ئىنقىلابچىلارنى يوقىتىپ ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىشقا ئاكتىپ تەييارلىق كۆردى. ماجۇڭيىڭ ئۇرۇش زەربىسىدە ئالدىغىمۇ - ئارقىسىغىمۇ ماڭالماي تەمتىرەپ قالغان ئىدى. دەل مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا شىنجاڭدىكى خەلق قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئىچكى ئۆلكىگە ئەۋەتكەن ئالاقىچىلىرىدىن شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن ماجۇڭيىڭ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ چوڭ ئىش تەۋرىتىش غەرىزىدە شىنجاڭغا قەدەم قويدى. * * * ماجۇڭيىڭ تۇنجى قېتىم 1931 - يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭدا چىقتى. بۇ چاغدا قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى پارتىلىغىنغا بىر قانچە ئاي بولغان ئىدى. قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ياردەم بېرىمەن دەپ 36 - دىۋىزىيە نامى بىلەن چىققان ماجۇڭيىڭنىڭ ئەمەلىي ئادەم كۈچ بەش - ئالتە يۈزگە، قورال سانى 90 نەچچە تالغا يېتەتتى. كۆپ قىسمى قىلىچ، نەيزە بىلەن قوراللانغان بۇ قوشۇننى ئۇ ئۈچ زۇڭدۈيگە (كالۇنغا) ئايرىپ، قوماندانلانى ئالاھىدە تەيىنلىدى. ئۆز ئىنىسى ماجۇڭجى پىيادە ئەسكەر قىسمىغا باشلىق بولدى. بۇ قىسىمدا 200 گە يېقىن پىيادە ئەسكەرلەر بار ئىدى. تۇرۇق ئاتلىقلار دەپ ئاتالغان زۇڭدۈيدە يۈز ئاتلىقتىن ئارتۇق ئەسكەر بولغاندىن تاشقىرى قالغان قىسىملار 30 - 40 ئاتلىق ئەسكەردىنلا ئىبارەت ئىدى. گەرچە بۇلاردا ئادەم ئاز، قورال ناچار بولسىمۇ، جەڭگىۋار روھى ئۈستۈن ئىدى. شۇيجۇدىن چىقىپ 20 نەچچە كۈن يول يۈرۈپ كەلگەن بۇ قىسىم شىڭشىڭشىيادا بىر مەيدان غەلىبىلىك جەڭ قىلىپ، كۆپلىگە غەنىمەتلەر گە ئىگە بولدى. ئاندىن قۇمۇل شەھىرىگە يۈرۈش قىلىپ خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بىلەن بىرلىكتە قۇمۇل شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. قۇمۇل شەھىرىنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت ئەسكىرى سان جەھەتتە كۆپ، قورال - ياراغلىرى خىل بولغاچقا شەھەرنى قاتتىق مۇداپىئە قىلىپ قوزغىلاڭچىلارنى زور چىقىمغا ئۇچراتتى. بۇ ئەھۋالغا قاراپ ماجۇڭيىڭ پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزى بىر قىسىم ئەسكەرنى باشلاپ بارىكۆلگە ھۇجۇم قىلدى. بارىكۆل ئۇرۇشىدا ماجۇڭيىڭ غەلىبە قازاندى. ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇەن ئەسكىرى تۇەنجاڭ خې جىڭشىڭ باشچىلىقىدا ماجۇڭيىڭغا تەسلىم بولدى. جياڭ لياڭچىڭ دېگەن تۇەنجاڭ ئۆزىنى ئېتىۋالغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ تولىسى ماجۇڭيىڭغا ئەسىرگە چۈشتى، بۇ ئۇرۇشتا ماجۇڭيىڭ كۆپلىگەن ياخشى قوراللارغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ئەسىر چۈشكەن ۋە تەسلىم بولغان ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ ئادەم سانىنى كۆپەيتتى. بارىكۆل ئۇرۇشىدىن كېيىن، قايتىپ كېلىپ قۇمۇل ئۇرۇشىغا قاتناشتى. خوجىنىياز ھاجى بىرلىكتە شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، سېپىلنىڭ قانچە يېرىنى پارتلىتىپ تاشلىغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى قاتتىق مۇداپىئە كۆزگەنلىكتىن شەھەرنى ئىشغال قىلالمىدى. شۇ ئەسنادا ئۈرۈمچى تەرەپتىن قوماندان لۇشياۋزۇ (جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى ئىدى) سەنمۇجاڭ شېڭ شىسەينىڭ قوماندانلىقىدا ياردەمگە ئەسكەر كېلىۋاتقانلىقى، ياردەمچى قوشۇننىڭ ئالدىنقى قىسمى دوگوچېژ بىرىگادىسى لودوڭغا (خەنزۇچە - لياۋدۇن) يېتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر كەلدى. ماجۇڭيىڭ بىلەن خوجىنىياز ھاجى بىرلىكتە لودوڭغا بېرىپ دوگوچىژ بىر گادىسى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلدى. بۇ ئۇرۇشتا ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى دوگوچىژ ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلۈۋالدى. بۇ ئۇرۇشتا ماجۇڭيىڭنىڭ يوتىسىغا ئوق تېگىپ يارىدار بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇيجۇغا قايتىپ كەتمەكچى بولدى. ئۇنىڭ ئادەملىرى لودوڭدا قولغا چۈشكەن غەنىمەتلەرنى ئاچ كۆزلەرچە ئولجا قىلىپ، ئات تۆگىلەرگە ئارتىپ شۇيجۇ تەرەپكە يولغا سالدى. ئۇلارنىڭ ئولجا ئېلىش ۋاقتىدىكى ئاچ كۆزلۈكلىرى ۋە يولسىزلىقلىرى خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ نازارىلىقىنى قوزغىدى. ماجۇڭيىڭ قايىتىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن ماشىمىڭ ئىسىمىلىك بىرىسى 20 نەچچە ئادەم بىلەن خوجىنىياز ھاجىمنىڭ يېنىدا قالدى. * * * قۇمۇل تاغلىرىدىكى ئۇرۇش بىر يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلدى. بۇ ئارلىقتا جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى بەش قېتىم قوماندان يۆتكىدى. ئەڭ ئاخىرقى قېتىمدا شېڭ شىسەينى باش قوماندانلىققا تەيىنلەپ 8000 كىشىلىككە يېقىن قوراللىق قىسىمنى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردى. شېڭ شىسەي 1932 - يىلنىڭ 8 - ئېيىدا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن - يازلىق ھۇجۇم، قىشلىق ھۇجۇمدىن ئىبارەت ئۇرۇش پىلانى تۈزدى. يازلىق ھۇجۇمدا ئاساسەن شەرقىي تاغدا تۇرۇۋاتقان يولۋاس قىسىملىرىغا ئۇلاپلا قىشلىق ھۇجۇم قوزغاپ غەربىي تاغدا تۇرۇۋاتقان خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى قورغىلاڭچىلارغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىدى. دەل شۇ چاغدا ماشىمىڭ ۋە تۇرسۇن بوتۇڭ دېگەنلەر 30 - 40 ئاتلىقچە ئادەمنى باشلاپ تاغ يولى بىلەن پىچانغا چىقتى. ئۇلار خوجىنىياز ھاجىنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ،خوجىنىياز ھاجى چىقتى، دەپ گەپ تارقىتىپ، خەلقنى قوزغاپ پىچانغا ھۇجۇم قىلدى، دەپ گەپ تارقىتىپ، خەلقنى قوزغاپ پىچانغا ھۇجۇم قىلدى. پىچانغا خوجىنىياز ھاجى چىقىپتۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان تۇرپان خەلقى ھەرىكەتكە كېلىپ، قوزغىلاڭنى ئاستانىدىن باشلىدى. شۇنداق قىلىپ 1933 - يىلنىڭ باشلىرىدا بۇ قوزغىلاڭ تۇرپان، كورلا، كۇچا، ئاقسۇغىچە كېڭەيدى. شۇ يىلى 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خوتەن، قارىقاشتىمۇ قوزغىلاڭ باشلىنىپ پۈتۈن خوتەن رايونىنى قاپلىدى. پىچاندا ئۇرۇش قوزغىغان ماشىمىڭ تۇرپان ئۇرۇشىدا تەسلىم بولغان ماجۇمىن (مادا خەنزۇ دەپمۇ ئاتىلاتتى) نىڭ بىر لۇي ئەسكىرىنى ئۆزىگە قوشۇپ ناھايىتى چاپسانلا كۈچ توپلىۋالدى. كېيىن تۇرپان رايونىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن قۇمۇل تەرەپتىن شېڭ شىسەي 4000 كىشىلىك چوڭ قوشۇننى باشلاپ كەلگەندە، ماشىمىڭ ئۇرۇش قىلماستىن، قول ئاستىدىكى ئاساسى كۈچلەرنى باشلاپ قارا شەھەرگە قېچىپ بېرىۋالدى. ئۇ يەردە يەنە خۇيزۇلارنى قوزغاپ ئەسكەر سانىنى كۆپەيتتى. 36 - دىۋىزىيىنىڭ نامىنى سۇيىئىستىمال قىلىپ كۆپلىگەن كىشىلەرگە «تۇەنجاڭ»، «لۇيجاڭ»، «زىخۇي» دەپ ئۇنۋان بېرىپ، تەرەپ - تەرەپكە ماڭدۇردى. مەسىلەن، كۇچا رايونىدىكى قوزغىلاڭغا ياردەم قىلىدۇ، دەپ ئەۋەتكەن مالۇيجاڭ (ساقاللىق تۇڭگان دەپمۇ ئاتىلاتتى)، گامازا، ماجەنساڭ دېگەنلەر ماشىمىڭنىڭ ئادەملىرى ئىدى. ئۈرۈمچى نەنسەندە تۇرۇۋېلىپ ئۈرۈمچىگە بىر قانچە قېتىم ھۇجۇم قىلىپ تەھدىت سالغان ماۋەنلۇ، مادېشياڭ دېگەنلەرمۇ ماشىمىننىڭ ئادەملىرىدىن ئىدى. قىسقىسى، 1933 - يىلى 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ماشىمىڭ تەيىنلەپ تەرەپ - تەرەپكە ئەۋەتكەن تۇەنجاڭ - لۇيجاڭلار شۇ چاغلاردا ئىتنىڭ تۈكىدەك كۆپ دېسەك مۇبالىغە بولمايتتى، مەسىلەن: مادېشىياڭ ئەسىلىدە ماشىمىڭ بىلەن بىللە چىققان سىۋەز ئىدى. 2 - ئايدا ئۇ ماچۇنلۇغا فۇگۇەن بولۇپ نەنسەنگە بىللە باردى. كېيىن بىردىنلا لۇيجاڭلىققا ئۆستۈرۈلدى. جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەپتىمۇ شۇنداق بولدى. مەسىلەن: ماجەنساڭ، مالۇيجاڭ، گامازا، سەنلۇيجاڭ ۋە باشقىلار. بۇلار دەسلىپىدە 10 - 20 - ئادەم بىلەن ھەرىكەت باشلىغان بولسا، بىر ئىككى ئايغا يەتمەيلا مىڭ، ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا ئىگە بولۇپ كېتەتتى. تۆمۈر سىجاڭ بىلەن قەشقەرگە بىللە بارغان ماجەنساڭنىڭ دەسلەپتە ئاران بىر، ئىككى يۈز ئادىمى بار ئىدى. كېيىن بىردىنلا ئىككى - ئۈچ مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا ئىگە بولۇپ، قەشقەر يېڭى شەھەردە تۇردى. * * * ماجۇڭيىڭ شۇيجۇدا ئەسكەررەتلەپ رەسىمى 36 - دىۋزىيە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆز ئىنىسى ماجۇڭجې، ئاچىسىنىڭ ئېرى ماخۇسەن، مارۇلۇڭ، ماسىڭگۇي، ماخەييىڭ، ماشىشۇن، ماجەنلىڭ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە تۆت مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن باشلاپ، 1933 - يىلى 5 - ئايدا ئىككىنچى قېتىم شىنجاڭغا چىقتى. بۇ چاغدا شىنجاڭدا شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ئىدى. ماجۇڭيىڭ شۇ چاغدا قۇمۇلدىن گۇچۇڭغا يېتىپ كەلدى. ئۇ خوجىنىياز ھاجىملار بىلەن كۆرۈشۈپ مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن ماجۇڭيىڭ گۇچۇڭغا، خوجىنىياز ھاجىملار جىمىسارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى گۇچۇڭ شەھىرىگە بوغۇندەك ھۇجۇم قوزغىدى. ئۇرۇش شىددەتلىك بولدى. شەھەرگە ئىچىدە قۇمۇلدىن قايتىپ كەلگەن لى خۇيرۇ (سىلىڭ)، لى رۇڭخۇا، شەھەر مۇداپىئە سىلىڭى جاڭ جىشەن قىسىملىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئادىمى كۆپ، قورال - يارىقى خىل بولغانلىقتىن شەھەرنى قاتتىق مۇداپىئە قىلدى. بۇ ئۇرۇشتا ماجۇڭيىڭنىڭ ئىنىسى ماجۇڭجې ئۆلدى. ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى سېپلغا يامىشىپ چىقىپ شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق شەھەرنى ئاخىر ئىشغال قىلدى. لى رۇڭخۇا ئۇرۇش ئۈستىدە ئۆلدى. لى خەيرۇ بىلەن جاڭ جىشەنلەر ئەسىرگە چۈشتى. بۇ ئۇرۇشتا ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى تۆت دانە زەمبىرەك، 50 تالغا يېقىن ئېغىر - يېنىك پىلىموت، 8000 تال ھەرخىل مىلتىق غەنىمەت ئالدى. جىمىسار ئۇرۇشىدا خوجىنياز ھاجى تاپشۇرۇۋالىدىغان 1860 تال مىلتىق بىلەن 2000 دەك ئاتنىمۇ كېچىسى ئادەم ئەۋەتىپ ئېلىپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى، ئۇنىڭ قارانىيىتىنى ئاشكارىلاپ، خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، گۇچۇڭدا بىر مەيدان غەلىبىلىك جەڭ قىلىپ بىر قانچە مىڭ تال قورال - ياراغقا ئىگە بولغان ماجۇڭيىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە كۆرەڭلەپ، ھاكاۋۇرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى كۆگە ئىلمايدىغان، ھەتتا خوجىنىياز ھاجىنى ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى تۇەنجاڭلىرىچىلىكمۇ كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلار جىمىساردىن ئېلىپ كەتكەن قوراللارنى قايتۇرۇپ بەرسۇن دەپ ئادەم ئەۋەتسە، ماجۇڭيىڭ ئۇلارغا جۇشياڭ (توققۇز ئاتار)، چىشياڭ (يەتتە ئاتار) قاتارلىق قوغۇشۇن ئوقلۇق كونا مىلتىقلاردىن 100 تال بېرىپ قوساقنى تېخىمۇ كۆپتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى كۈچ ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك زىددىيەت پەيدا بولدى. دەل مۇشۇ زىددىيەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى خوجىنىياز ھاجىم بىلەن كېلىشىم تۈزدى. شۇنىڭ بىلەن ماجۇڭيىڭ ئۆزىگە پايدىلىق بولغان ئىجتىمائى ئاساستىن ئايرىلىپ، سىياسىي جەھەتتە يېتىم ھالەتكە چۈشۈپ، بىردىنلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالدى. * * * ماجۇڭيىڭ يىتىم قالغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا 6000 كىشىلىك قوشۇن توپلاپ، ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن گۇچۇڭدىن يولغا چىقتى. ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن شېڭ شىسەيمۇ 6000 كىشىلىك قوشۇن توپلاپ ئۈرۈمچىدىن گۇچۇڭغا قاراپ يولغا چىقتى. بۇ ئىككى قوشۇن زىنچۇەنزىدە ئۇچرىشىپ قاتتىق جەڭ قىلدى. گۇچۇڭ تەرەپتىن يالاڭباش، يالاڭ كۆڭلەك كېيىپ تەلۋىدەك ئېتىلىپ كېلىۋاتقان ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى شېڭ شىسەي قوشۇنلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىگە كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇلار قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىۋاتقاندا قاتتىق جۇدۇن بولۇپ مۆلدۈر ياغدى. ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى بېشىغا تاراسلاپ چۈشۇۋاتقان مۆلدۈرگە چىداپ تۇرالماي ئۇرۇشنى تاشلاپ مۆلدۈردىن مۇداپىئەلىنىشكە كىرىشتى، مۆلدۈردىن كېيىن قاتتىق يامغۇر ياغدى. پۈتۈن دالا پاتقاقچىلىققا ئايلاندى. ئاندىن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى پەيدا بولۇپ ئۇلارنى جۇدۇن - چاپقۇنغا ئۇچرىغان بىر قوتان قويغان ئوخشاش بىر ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. دەل شۇ چاغدا پاختىلىق كىيىم كىيىپ ئاكوپلاردا ياتقان شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرى ئىسسىق ئاكوپلاردىن چىقىپ شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتتى. ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى بىتچىت بولۇپ ھەر تەرەپكە بولۇپ ھەر تەرەپكە قاچتى. زىنىچۇنزىدە بولغان ئۇرۇشتا توساتتىن پەيدا بولغان ئاپەت خاراكتېرلىك جۇدۇن - چاپقۇن شېڭ شىسەيگە ئامەت، ماجۇڭيىڭغا ئاپەت ئېلىپ كەلدى. ماجۇڭيىڭ تامامەن مەغلۇپ بولدى. نۇرغۇن ئەسكىرى ئوقتا ۋە سوغۇقتا ئۆلدى، نەچچە يۈز تۆگىگە ئارتىلغان ئوق - دورىلاردىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن ماجۇڭيىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى باشلاپ تۇرپانغا چېكىندى. ئۇ تۇرپاننى بازا قىلىپ ئۈرۈمچىگە ئىككىنچى قېتىم ھۇجۇم قوزغاشقا تەييارلىق كۆردى. يولۋاسنى تۇرپانغا گارنىزون سىلىڭى دەپ بېكتىپ، ئۇ ئارقىلىق ئۈچ ناھىيىدىن ئۈچ قېتىمدا 3000 غا يېقىن ئەسكەر ئالدى. 14 - 15 ياشلادىكى بالىلارنىمۇ ئەسكەرلىككە تۇتۇپ «گاۋادۇي» (بالىلار ئەترىتى) قىلىپ قۇردى. ئۇنىڭ كونا - يېڭى ئەسكىرى كۈچى 6000 ئەتراپىغا باردى. ئۇنىڭ تەڭدىن تولىسى ئاتلىق ئەسكەر بولغاچقا، ئۈچ ناھىيە دېھقانلىرىغا چۈشكەن ئالۋان - ياساق ھېسابسىز ئېغىر بولدى. ئۇ تۇرپاندا 1933 - يىلى 6 - ئايدىن 1934 - يىلى 4 -ئايغىچە جەمئىي 10 ئاي تۇرۇش جەريانىدا خەلق ئىگىلكىنى قاتتىق ۋەيران قىلىۋەتتى. سامان قەغەزگە تىزا بېسىپ ئۈچ ناھىيە خەلقىنى خەجلەشكە مەجبۇر قىلدى. باشقا يەردە ئۆتمەيدىغان بۇ گاسلىڭ تىزىسىنى كىمىكى ئالمايمەن دېسە پۈتۈن مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ تارتىۋالدى. ماجۇڭيىڭ بىر قاتار تەييارلىقلارنى كۆرۋالغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 8- ئاينىڭ 15 - كۈنى داۋانچىڭدا شېڭ شسەي ئەسكەرلىرى بىلەن قېتىم ئۇرۇش قىلدى. بۇ ئۇرۇشتا لى زۇشياڭ قوماندانلىقىدىكى شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، بىر دانە تۆمۈر كوڭكا، تۆت زەمبىرەك، ئون نەچچە پىلىموت ۋە 300 دىن ئارتۇق مىلتىق غەنىمەت ئالدى. بۇ ئارىلىقتا ماجۇڭيىڭ دىپلوماتىيە يۈگۈزۈپ، بىر تەرەپتىن شېڭ شىسەيگە ۋەكىل ئەۋەتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىلىدا تۇرۇشلۇق جاڭ پىيۇەنگە ئادەم ئەۋەتىپ شېڭ شىسەيگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ ئۇنى ئاغدۇرۋەتكەندىن كېيىن، شىمالىي شىنجاڭنى جاڭ پىيۇەن، جەنۇبىي شىنجاڭنى ماجۇڭيىڭ سورايدىغان بولۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئالتاي - چۆچەك تەرەپكە ئەۋەتكەن ماخىيىڭ ئارقىلىق خەلقئارادىن يول تېپىشقا ئۇرۇندى (ماخىيىڭنى گۇچۇڭدىكى ۋاقىتتا ئالتاي - چۆچەك تەرەپكە ئەۋەتكەن ئىدى.) * * * 1933 - يىلى 12 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئىلىدىكى جاڭ پىيۇن ئۈرۈمچى بىلەن چۆچەك ئارلىقىدىكى خەلقئارا قاتناش يولىدا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۈرۈمچىگە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېلىۋاتقان ھەربىي ئەشيالارنى توساپ، ماشىنلارنى ماڭدۇرمىدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا ياڭ جىڭجۇڭ بىرىگادىسىنى ئۈرۈمچىگە ماڭدۇردى. شېڭ شىسەي ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن سەنمۇ جاڭ ليۇبىڭ قوماندانلىقىدا 3000 كىشىلىك قوشۇننى شىخو تەرەپكە ماڭدۇردى. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ماجۇڭيىڭ 1934 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى پۈتۈن قوشۇننى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم باشلىدى. تۇنجى جەڭ چىغدەڭ (جىجىساۋزى) دە بولدى. بۇ ئۇرۇشتا ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى غەلىبە قىلىپ ئىلگىرلىدى. ئەتىسى ئۇرۇش ئۈرۈمچى ئەتراپىدا بولدى. نەنلىياڭ تەرەپتە بىر قانچە كۈن شىددەتلىك ئۇرۇش قىلىش نەتىجىسىدە ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى كۆپرەك چىقىمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ھۇجۇم قىلىشنى توختاتمىدى. 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى شەرقىي دەرۋازا سىرتىدىكى ئايروپىلان ئىستانىسىسىنى بېسىۋالدى. ئىككى ئايروپىلاننى پاچاقلىۋەتتى. ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىپ، شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان قالايمىقانچىلىقلارنى بېسىقتۇرۇپ تىنچىلاندۇرۇش ئۈچۈن، بىر قانچە مىڭ كىشىلىك (بەزى مەنبەلەردە 5000 كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن، 30 ئايروپىلان، 20 دىن ئارتۇق تۆمۈر كوڭكا، بەش دانە تانكا دېيىلگەن) قوشۇن كىرگۈزدى. بۇ قوشۇن«ئالتايسكى»، «تاراباغاتايسىكى» دېگەن نام ئاستىدا بىر قىسمى چۆچەكتىن، بىر قىسمى قورغاستىن شىنجاڭغا كىردى. قورغاستىن كىرگەن قىزىل ئارمىيە ئىلىدىكى جاڭ پىيۇەننى مەغلۇپ قىلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلىگىرلىدى. چۆچەك چېگرىسىدىن كەلگەنلەرمۇ ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلگىرلىدى. ئۇلارنىڭ كېلىۋاتقان خەۋىرىنى ئاڭلىغان ماجۇڭيىڭ ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان قىسىملاردىن بىر بۆلۈك كۈچ ئاجرىتىپ ماخۇسەننىڭ قوماندانلىقىدا سانجى، قۇتۇبى تەرەپكە يولغا سالدى. ئالتايدىكى قوشۇملارنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىنى سانجى - تۇدۇڭخابا ئەتراپىدا توسۇپ قانلىق جەڭلەرنى قىلدى. سانجى ئەتراپىدا بولغان قانلىق جەڭلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئالتايدىكى قوشۇن ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئالتايدىكى قوشۇن قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيىسى ماسلاشقان ھالدا ئومۇمىي يۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، ئاخىر ماجۇڭيىڭنى ئۈرۈمچىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر قىلدى. 1934 - يىلى 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ماجۇڭيىڭ ئۈرۈمچى ئەتراپىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا چېكىنىپ چىقتى. يولبويى ئۇلار شېڭ شىسەينىڭ ھاۋا ئارمىيسى (ئەمىلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەمگە ئەۋەتكەن ھاۋا ئارمىيىسى) نىڭ بومباردىمان قىلىپ، ئوققا تۇتۇشىغا ئۇچراپ، ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى يولبويى قارشىلىق كۆرسەتمەستىن، ئامالنىڭ بېرىچە ئۆزىنى قوغداپ، شۇ يىلى 4 - ئايلاردا قەشقەرگە يېتىپ باردى. ئالتايىسكى قوشۇنلارنىڭ ئالدىنقى قىسمى مارالبېشىغا يېتىپ كەلدى. * * * جىمىسار تاغلىرىدا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىلەن خوجىنىياز ھاجى ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل بولغاندىن كېيىن، خوجىنىياز ھاجى قىسىملىرى گارنىزون قوماندانى بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭغا يۆتەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجىغا بەيئەت قىلغان تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردە، شاھ مەنسۇر خوتەندە قوماندان بولۇپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن قارا شەھەردە ماشىمىڭ، قەشقەردە ماجەنساڭ قىسىملىرىدىن ئىبارەت ماجۇڭيىڭغا تەۋە بىر بۆلۈك قوشۇن مەۋجۇت ئىدى. خوجىنىياز ھاجى ماجۇڭيىڭ بىلەن ئادا - جۇدا بولۇشقاندىن كېيىن 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاغ يوللىرى بىلەن جەنۇپقا قاراپ مېڭىپ توقسۇنغا يېتىپ كېلىپ، بۇ يەردە ئون نەچچە كۈن تۇرۇپ قالدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ماشىمىڭ قارا شەھەرگە ئۈچ لۇي (بىرىگادا) ئەسكەرلەر توپلاپ، خوجىنىياز ھاجىنى ئۇششاقتالدا تۇسۇۋالدى. خۇجىنىياز ھاجى بىلەن ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇرۇش مانا شۇ يەردە باشلاندى. بۇ ئۇرۇشتا ماشىمىڭ قىسىملىرى قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. خوجىنىياز ھاجى جۇقۇدا يەنە بىر قېتىم جەڭ قىلىپ قارا شەھەرگە باستۇرۇپ كىردى. ماشىڭنىڭ قالدۇق قىسىملىرى باغراش كۆلى ئەتراپىغا چېكىنىپ چۆل - جەزىرە يوللىرى بىلەن تۇرپانغا قېچىپ كەتتى. 1933 - يىلى 7 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى خوجىنىياز ھاجى كورلىغا ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ماشىمىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى باشلاپ تۇرپاندىن قارا شەھەرگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. بۇ يەردە ئۇ ئۆز قوشۇنىنى قايتا تەرتىپكە سېلىپ، ئۆزىنى «جاۋفى سىلىڭ» (باندىت تازىلاش سىلىڭى) دەپ ئاتىدى. ئاندىن ئاتلىق، پىيادە بولۇپ، ئۈچ تۇەن ئەسكەر ئاجرىتىپ، مافۇيۇن قوماندانلىقىدا خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا ئەۋەتتى. خوجىنىياز ھاجى مەھمۇت سىجاڭ بىلەن بىرلىكتە كورلىدىن ئاقسۇغا قاراپ ماڭدى. مافۇيۇەن قىسىملىرى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سوڭدىشىپ كەلدى. بۇ ئارلىقتا كورلا باش ئەگىم،كۇچا ئەتراپلىرىدا كىچىك كۆلەملىك توقۇنۇشلاردىن باشقا شىددەتلىك ئۇرۇش يۈز بەرمىدى. شۇ يىلى 8 - ئايدا قەشقەردە تۇرۇۋاتقان ماجەنساڭ سۈيقەست ئىشلىتىپ، تۆمۈر سىجاڭنى ئۆلتۈرۈپ قانلىق ۋەقە تۇغدۇرىدۇردى. شۇنىڭ بىلەن قەشقەردە ئۇرۇش باشلاندى. تۆمۈر سىجاڭ قوشۇنلىرى ئىنتىقام ئالىمىز دەپ قەشقەر يېڭى شەھەرنى قورشاپ ماجەنساڭ قىسىملىرىغا ھۇجۇم قوزغىدى. 1934 - يىلى 1 - ئايدا خوجىنىياز ھاجى ۋە مەھمۇت سىجاڭلارمۇ ئاقسۇدىن قەشقەرگە كېلىپ ماجەنساڭغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. مەھمۇت سىجاڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانى بولۇپ ئۇرۇشقا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلدى. دېمەك، بۇ ئۇرۇش 1933 - يىلى 8 - ئايدىن 1934 - يىلى 3 - ئايغىچە يېرىم يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلدى. بۇ جەرياندا ماجەنساڭ قىسىملىرى قەشقەر يېڭى شەھەردە يېرىم يىلغا يېقىن قامال ئىچىدە قېلىپ، ئوزۇق - تۈلۈك ۋە باشقا جەھەتلەردىن قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. شۇ كۈنلەردە ئاقسۇغا كەلگەن مافۇيۇەن قىسىملىرى ماجەنساڭغا جىددى ياردەم بېرىش ئۈچۈن قەشقەرگە قاراپ ئىلگىرىلىدى. خوجىنىياز ھاجى ۋە مەھمۇت سىجاڭلار يەكەن تەرەپكە چېكىنىپ كەتكەنلىكىتىن مافۇيۇەن بىلەن ماجەنساڭ قىسىملىرى قەشقەردە قوشۇلۇپ بىر مەزگىل ئىككى شەھەرنى ئىگەللەپ تۇردى. 1934 - يىلى 2 - ئايدا قانلىق 17 - فېۋرال ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، تۆت مىڭدىن ئارتۇق قەشقەر ئاھالىسىنى قىرغىن قىلدى ۋە شەھەردە ئۈچ كۈن بۇلاڭ - تالاڭ يۈرگۈزدى. ئۈچ ئاي ئۈرۈمچىدىن چېكىنگەن ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى قەشقەرگە يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئۇلار ئەڭ قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئارقا تەرەپتىن ئۇنى شېڭ شىسەي قوشۇنلىرى ۋە ئالتايىسىكى دەپ ئاتالغان قوشۇنلار قوغلاپ كېلىۋاتقان بولسا، ئالدى تەرەپتە خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قىرغىز قىسىملىرى ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇراتتى. * * * ماجۇڭيىڭ قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدە شۇنچە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ، ئاخىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، بارار جايىنى تاپالماي، ئاخىر قەشقەرگە كەلدى. بۇ چاغدا ئۇ شىنجاڭدىكى ھەممە مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئارلىقتا ئۇنىڭ ئادەملىرى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە قانلىق ۋەقەلەرنى تۇغدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا كەڭ كۆلەمدە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا ئېغىر زۇلۇم سالدى. شۇڭا ئۇنىڭ شىنجاڭدا بولغان يىللىرى خەلق بېشىدىكى بالايى - ئاپەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئۇ شۇنچە قىلىپمۇ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش مەقسىتىگە يېتەلمىدى. ئەمما بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ بىر مۇنچە ئالتۇن -كۈمۈشكە ئىگە بولغان ئىدى. ئالتۇن - كۈمۈش نۆۋىتى كەلگەندە جاندىنمۇ تاتلىق نەرسە، شۇنداقلا جان قايغۇسى ئىدى. شۇنچە كۆپ ئالتۇن - كۈمۈشكە ئىگە بولغان ماجۇڭىيڭ جان ساقلاش يولىدا خېلىلا گاڭگىراپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئۈچ يول بار ئىدى: بىرسى، خوتەن ئارقىلىق دۇڭخۇاڭ تەرەپكە كېتىپ جان ساقلاش؛ يەنە بىرسى، تاشقورغان ئارقىلىق ھىندىستان تەرەپكە كېتىش؛ ئۈچىنچىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىش. بۇ ئۈچ يولدىن قايسى بىرىسىنى تاللاپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر مەسىلە ئىدى. خوتەن ئارقىلىق دۇڭخۇاڭغا كېتەي دېسە، بۇ ئۇزۇن يولدا يەنە قانداق بالا - قازاغا ئۇچراپ كېتىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيتتى. ئايروپىلاندىن تاشلانغان بومبىدا پارتلاپ كۈكۈم تالقان بولۇپ كىتىشىدىن قورقاتتى. تاشقورغان ئارقىلىق ھىندىستانغا ماڭسا يول ئۈستىدە يەنە قانداق توسقۇنلۇققا ئۇچراپ زەربە يەپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى. شۇ ۋاقىتتىكى ھەربىي، سىياسىي ۋەزىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە كېتىش بىر قەدەر ئىشەنچلىك ئىدى. شۇنداقلا شۇ تەرەپكە كېتىشكە مەجبۇر ئىدى. شۇ يىللىرى قەشقەردە تۇرۇۋاتقان ئەنگلىيە ئەلچىخانىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئەلچىخانىسى ماجۇڭيىڭنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش يولىدا جىددى ھەرىكەت قىلدى. ئىنگلىزلار ماجۇڭيىڭنى ھىندىستانغا تەكلىپ قىلسا، سوۋېتلىكلەر ئۇنى رۇسىيىگە تەكلىپ قىلاتتى. بۇ ئىككى دۆلەت شۇ مەزگىلدە شەخسەن ماجۇڭيىڭنى ئەمەس، بەلكى ماجۇڭيىڭ ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتىكى مەنپەئەتنى تالشاتتى. نەتىجىدە بۇ مەسىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ماجۇڭيىڭغا سىياسىي باشپاناھلىق بېرىدىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن، قالدۇق قىسىملارنى خوتەن رايونىدا تۇرۇش ئىمكانىيىتى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. ئەمەلىيەتتىمۇ سوۋېت ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، شېڭ شىسەي بىلەن ماجۇڭيىڭ ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن ماجڭيىڭنىڭ قالدۇق قىسىملىرى پوسكام ناھىيسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە، شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرى پوسكامنىڭ بۇ تەرىپىدە تۇرىدىغان بولۇپ كېلىشتى. بىر مەھەل ئۇرۇش ئوتى بېسىلدى. ماجۇڭيىڭ 80 گە يېقىن ئادىمى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتتى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا ماجۇڭيىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكىچە 27 تۆگىدە ئالتۇن ئېلىپ ماڭغان. يەنە بىر مەلۇماتتا 40 خېچىرغا ئالتۇن يۈكلەپ ماڭغان ئىكەن. * * * ئۇرۇش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ماجۇڭيىڭ قەيسەر، باتۇر بىر جەڭچى. قىسقىغىنا بىر ئىچىدە مۆجىزە خاراكتېرلىك ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىپ، كەڭ غەربىي شىمالدا داڭدار سەركەدە بولۇپ ئاتالدى. ماجۇڭيىڭنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئىچىدە قىلغان ئىشلىرىنىڭ كۆپلۈكى، كەڭلىكى، ئۇرۇش قىلىش تاكتىكىسى، ھەربىي كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ تەشكىللەش جەھەتلەردىكى ئاجايىپ ئىقتىدارىمۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ. گۇچۇڭ ئۇرۇشىدا سېپىلگە پىچاق سانجىپ چىقىشتەك پىداكارلىقلار ھەر قانداق كىشىنى قايىل قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ھەيران قالدۇرىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ قەيسەرلىكى بىلەن باتۇرلىقىغا تەڭ نىسبەتتە ساقلىنىپ كەلگەن تەلۋىلىكى، قارا نىيىتى ۋە ياۋۇزلىقلىرى كىشىنى سەسكەندۈرۈپ، نەپرەت تۇيغۇسىنى قوزغىماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ شىنجاڭدا قىلغان تەنتەكلىكى ۋە قاراملىقلىرى تارىختا ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈلپەتتۇر. ئۇ 1933 - يىلى 5 - ئايدىن 1934 - يىلى 5 - ئايغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە نۇرغۇن قېتىم قان تۆكتى، ئوت قويدى، بۇلاڭ - تالاڭ قىلدى. تۇرپان رايونىدا ئۈچ مىڭدى ئارتۇق ياش - ئۆسمۈرلەرنى (14 - 15 ياشلىق بالىلارمۇ بار ئىدى) ئەسكەرلىككە تۇتۇپ، داۋانچىڭ ئۇرۇشى ۋە ئۈرۈمچىنى مۇھاسىرە قىلىش ئۇرۇشىدا ئۇلارنى سەپنىڭ ئالدىغا سېلىپ زەمبىرەك يېمى قىلىپ تۈگەتتى. ئۇنىڭ ئادەملىرى تەرەپ - تەرەپكە يامراپ، ئۆزى بەگ ئۆزى خان بولۇۋېلىپ، يۇرت - يۇرتنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلدى. كۇچادا ھادى ئەلەمنى، قەشقەردە تۆمۈر سىجاڭنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ، كاللىسىنى كېسىپ خادىغا سانجىپ سازايى قىلىشتەك ۋەھشىيانە ھەرىكەتلەردە بولدى. باي ناھىيسىدە پۇقرالارنى توپلاپ ياغ چېچىپ كۆيدۈرۈپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ياۋۇزلىقلارنى قىلدى. قەشقەردە 17 - فېۋرال چوڭ قىرغىنچلىقىنى يۈرگۈزۈپ، ئۈچ كۈن چاپ - چاپ قىلىپ، تۆت مىڭدىن ئارتۇق (چەت ئەل ئاخباراتلىرىنىڭ بايانىدا 10 مىڭ دەپ يازىدۇ) گۇناھسىز ئاھالىنى قىرىپ تاشلىدى. ماخۇسەن خوتەندىكى چاغدا قاراڭغۇ تاغ، تەۋەككۈل كەنتلىرىدە قىرغىنچلىق يۈرگۈزۈپ يۈزلىگەن ئاھالىنى ئۆلتۈردى. پۇقرالارنى ئوتقا قاقلاپ ئۆلتۈرۈش، ئومۇرتقىسىغا سىم ئۆتكۈزۈپ، ئاتقا سۆرۈتۈپ ئۆلتۈرۈشتەك ۋەھشىيلىكلەرنى قىلدى. ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان بۇ خىل قەبىھ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ، ئۆز خۇرجۇنلىرىنى ئالتۇن - كۈمۈش بىلەن تولدۇردى. ماجۇڭيىڭ ئېلىپ ماڭغان 27 تۆگە ياكى 40 خېچىر ئالتۇن بىلەن ماخۇسەن ھىندىستانغا ئېلىپ ماڭغان ئون ئالتە مىڭ سەر ئالتۇن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن بۇلاڭ - تالاڭدىن كەلگەن ئىدى. بۇ دېگەنلىرىمىز دەريادىن تامچە ئىدى، شۇ يىللىرى ئىتىنىڭ قۇرۇتىدەك كۆپلەپ كەتكەن تۇەنجاڭ - لۇيجاڭلارمۇ ئالدى مىڭ سەر، كەينى 40 - 50 سەرگىچە ئالتۇن توپلاپ ھەرياقلارغا كەتكەن ئىدى. بۇ پاكىتلار ماجۇڭيىڭ ۋە ئۇنىڭ قىسىملىرىنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزگەن بۇلاڭچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ جانلىق دەلىلى. ماجۇڭيىڭنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە قىلغان زىيانكەشلىكنىڭ ئەڭ ئېغىر يېرى شۇكى، ئۇ شىنجاڭغا چىقىپ قارا نىيەتلىك بىلەن بىزنىڭ زۇلۇمغا، ئستېبداتلىققا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي ئىنقىلابىي ھەرىكتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق سېلىپ، ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. قولغا كەلتۈرگەن ئىنقىلاب مېۋىمىزنى تالىشىپ، نەتىجىدە ئۆزىگىمۇ يوق، بىزگىمۇ يوق دېگەندەك قىلىۋەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا تۇرىدىغا يەر تاپالماي سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ، تارىخنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ گويا دېڭىزغا تاشىغان ئەرزىمەس تاشتەك ئىز دېرەكسىز يوقالدى. ئۇنىڭ بىر مەزگىل چاقماقتەك چاقىنىغان نامىمۇ ئۆچتى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى