شيا ۋەنچۈن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
شيا ۋەنچۈن (مىلادىيە1631 ~1647 - يىللار) سۇڭجياڭنىڭ خۇاتىڭ (ھازىرقى شاڭخەيدىكى سۇڭجياڭ) دېگەن يېرىدىن بولۇپ، جۇڭگو تارىخىدىكى مەشھۇر ئۆسمۈر مىللىي قەھرىمان ۋە ۋەتەنپەرۋەر شائىر. ئۇنىڭ دادىسى شيا يۇڭيى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى تەشرىپدار بولۇپ، ئىنتايىن شۆھرەت قازانغان. شيا ۋەنچۈن كىچىكىدىنلا بىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان، ئەدەپلىك چوڭ بولغان ھەمدە ئۇلۇغۋار ئارزۇ - ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن. ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ، يەتتە يېشىدىلا شېئىر - نەزم يادلاشقا، ماقالە يېزىشقا كىرىشكەن. توققۇز يېشىدا «دەيرۇجى (بوغۇنلارغا ئاتالغان بېيىت - قوشاقلار توپلىمى)» نى يېزىپ چىققان. شۇڭا، ئۆز زامانىسىدا كىشىلەر ئۇنى «پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر بالا» دەپ ئاتاشقان.1644
- يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى بېيجىڭنى ئىشغال قىلىپ، كېيىنكى يىلى يەنە جەنۇبقا يۈرۈش قىلىدۇ. شيا يۇڭيى سۇڭجياڭدا ئەسكەر توپلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، چىڭ قوشۇنىغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.13 ياشلىق شيا ۋەنچۈنمۇ قوزغىلاڭچىلار سېپىگە قاتنىشىدۇ. شيا يۇڭيى بىر قېتىملىق جەڭدە قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، چىڭ قوشۇنىغا قارشى داۋاملىق كۈرەش قىلىدۇ ھەمدە دادىسىدىن قالغان بارلىق مال - بىساتىنى سېتىپ قوشۇنىنىڭ تەمىناتىغا ئىشلىتىدۇ.1647 - يىلى ئۇ جەنۇبىي مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى لۇۋاڭغا «مەلۇماتنامە» تەييارلاپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ40 تىن ئارتۇق ئىرادىلىك زاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋە ئۇلارغا قول قويدۇرۇپ، چىڭ قوشۇنىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما، ئۇزاق ئۆتمەي سۇڭجياڭدا چىڭ قوشۇنىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇ مەردانىلىك بىلەن ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ، چىڭ لەشكەرلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى قاتتىق سۆكىدۇ ھەمدە نەنجىڭغا ئېلىپ مېڭىلغۇچە، قايناق ھېسسىياتى بىلەن مەردانە شېئىر - نەزملەرنى ئوقۇپ يۇرتداشلىرى بىلەن ۋىدالىشىدۇ.
شيا ۋەنچۈننى چىڭ سۇلالىسىنىڭ جەنۇبىي قوشۇن ئەمەلدارى خۇڭ چىڭچۇ سوراق قىلىدۇ. ئۇ ئەسلى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىگە قارشى ئۇرۇشتا تەسلىم بولغان. ئەمما، ئۇنىڭ چىڭ سۇلالىسىگە تەسلىم بولغىنىدىن خەۋەرسىز بولغان مىڭ سۇلالىسى خانى چۇڭ جېن ئۇنى «جەڭدە ئۆلگەن» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن كاتتا تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنىدى. خۇڭ چېڭچۇ شيا ۋەنچۈننىڭ تېخى كىچىك بولسىمۇ ئاجايىپ ئىستېداتلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولغاچقا، يۇقىرى ئەمەل - مەرتىۋە ئارقىلىق ئۇنى ئازدۇرۇپ، تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ، شيا ۋەنچۈن ئۇنى تونۇمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، بار ئاۋازى بىلەن: «مەن خۇڭ چېڭچۇ مويسىپىتنى بۈيۈك مىڭ سۇلالىسىگە سادىق ۋەزىر دەپ دائىم ئاڭلايدىغان، ئۇ قوشۇن تارتىپ چىڭ قوشۇنى بىلەن ئېلىشىپ، ۋەتەن ئۈچۈن قان ئاققۇزۇپ ھاياتىنى تەقدىم قىپتىكەن، خان تېخى ئۇنى ئوردىدىكى مەرد ئوغلان دەپ ماختاپتىكەن. مەن گەرچە كىچىك بالا بولساممۇ، خۇڭ مويسىپىتنىڭ ۋەتەنگە ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىكىدىن ئۆگىنىمەن، ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئاتاشقا رازىمەن!» دەيدۇ. ياندا تۇرغان بىرەيلەن دەرھال ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «تەختتە ئولتۇرغان كىشى خۇڭ چېڭچۇ دېگەن شۇ» دەيدۇ. شيا ۋەنچۈن ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تەرىنى بۇزۇپ غەزەپ بىلەن قاتتىق ئاۋازدا: «خۇڭ مويسىپىت دۆلەت ۋە خەلقنىڭ بېشىغا چۈشكەن بالا - قازا تۈپەيلى باقىي ئالەمگە سەپەر قىلغانغا نەۋاق، سېنىڭ قانداق ساتقۇن، ئاسىي ئىكەنلىكىڭنى خەلقئالەم بىلمەي قالاتتىمۇ؟ سەن شۇ مويسىپىتنىڭ نامىدىن پايدىلانماقچى، ئۇنىڭ روھىغا داغ تەگكۈزمەكچىمۇ؟» دەپ تىللاپ رەسۋايىنى چىقىرىۋېتىدۇ، ئۇنى ئېغىز ئاچقۇزمايدۇ.
شيا ۋەنچۈن قاماقتا ياتقان80 كۈندە كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان نۇرغۇن ئوتلۇق شېئىر - نەزملەرنى يېزىپ «نەنگۇەن گىياھلىرى» ناملىق شېئىر - نەزم توپلىمى قىلىپ رەتلەپ چىقىدۇ.1647 - يىلى ئۇ نەنجىڭدىكى »غەربىي بازار« جازا مەيدانىدا چىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەتل قىلىنىدۇ. شۇ يىلى ئۇ ئاران16 ياشتا ئىدى. جازا ئالدىدا ئۇ قىلچە قورقماي شۇنداق تەمكىن تۇرىدۇ. كېيىنكىلەر ئۇنى «ھاياتلىقىدا ئىستېدات ئىگىسى ئىدى، ئۆلگەندىمۇ غۇرۇرى بىلەن كەتتى» دەپ تەرىپلىشىدۇ.