ليۇ مىڭچۈەن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
ليۇ مىڭچۈەن (1836 −1895 - يىللار) ئەنخۇينىڭ خېفېي دېگەن يېرىدىن بولۇپ، باشتا يۇرتىدا ھەربىي مەشىق بازىسى قۇرغان، كېيىن قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ لى خۇڭجاڭنىڭ خۇەيجۈن قوشۇنىغا قوشۇلغان، تەيپىڭ قوشۇنى ۋە نيەنجۈن قوشۇنىنى باستۇرۇشقا قاتنىشىپ، باش ياساۋۇل بەگلىككە ئۆستۈرۈلگەن. جۇڭگو - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن،1884 - يىلى6 - ئايدا، تەيۋەننىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن، ئۇ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي تەيۋەنگە بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ، ھاياتىدىكى ئەڭ شانلىق كۈنلەرنى باشلىۋەتكەن.
ئۇ تەيۋەنگە بېرىپلا زەمبىرەك سۇپىلىرىنى پۇختىلاپ، جەڭگە پائال تەييارلىق قىلغان. شۇ يىلى8 - ئايدا، فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسى جىلۇڭغا ھۇجۇم قوزغاپ، زەمبىرەك بىلەن شىددەتلىك توپقا تۇتقان. ليۇ مىڭچۈەن دۈشمەننى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىشقا قايمۇقتۇرۇش تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ، ئازراقلا ئەسكىرى بىلەن ئۇلارنى قىلتاققا دەسسەتكەن، فرانسىيە ئارمىيىسى قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، ليۇ مىڭچۈەن ئاساسلىق كۈچى ئارقىلىق بىرلەشمە زەربە بېرىپ، دۈشمەننىڭ100 دىن ئارتۇق ئەسكىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، جىلۇڭنى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.9 - ئايدا، فرانسىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى تەيبېيگە يەنە بىر قېتىم خىرىس قىلغان، ليۇ مىڭچۈەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىلۇڭدىن چېكىنىپ چىقىپ، تەيبېينىڭ دەرۋازىسى بولغان خۇۋېي تەرەپتىكى كۈچىنى مۇستەھكەملىگەن.10 - ئايدا، ئۇ خۇۋېيدا پىستىرما قويۇپ،300 دىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقاتقان. ئەينى چاغدا، تەيۋەننىڭ ھەرقايسى دېڭىز ئېغىزلىرى فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسى تەرىپىدىن قامال قىلىۋېلىنغان بولغاچقا، سىرتنىڭ ياردىمى ئۈزۈلۈپ قالغانىدى، ليۇ مىڭچۈەن قوشۇنىنى باشلاپ پۈتۈن كۈچى بىلەن تەيۋەن ئارىلىنى قوغدىغان. ئۇ قىسقا يەكتەك، چىغ چورۇق كىيىپ، ھەرقايسى بارگاھلارنى پات - پات ئارىلاپ، ئەسكەرلەر بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولغان. تەيۋەننى قوغداش جېڭىگە جۇڭگو - فرانسىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانغا قەدەر بىر يىلغا يېقىن رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس خىزمەت كۆرسەتكەن.1885
- يىلى جۇڭگو - فرانسىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى تەيۋەننى ئۆلكە قىلىپ، ليۇ مىڭچۈەننى تەيۋەننىڭ تۇنجى باش مۇپەتتىشلىكىگە تەيىنلىگەن. ئۇ بۇ مەزگىلدە تەيۋەندە بىر قىسىم ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشى كارخانىلىرىنى قۇرغان، كان قېزىپ، سودا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرغان ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بەرگەن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغدىغان.1889 - يىلى، جىلۇڭدىن تەيۋەنگە بارىدىغان تۇنجى تۆمۈريولنى ياساتقۇزغان. ئۇ يەنە گاۋشەنزۇ مىللىتى بىلەن ئىتتىپاقلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تەيۋەندىكى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرغان. تەيۋەندە يەتتە يىل جاپالىق ئىشلەپ، تەيۋەننى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان ۋە تەيۋەننىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەن.1891
- يىلى، ئۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سوراپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن.1895 - يىلى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى ياپونىيىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.