شياۋ خې
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
خەنجۇڭدىن گۇەنجۇڭغا بارىدىغان تاغ يولىدا بىر يىگىت ئايدىڭدا ئاتلىق كېتىۋاتقاندا، توساتتىن بىر ياشانغان ئادەم يېتىشىپ كېلىپ، ئۇنى پەند - نەسىھەت بىلەن ئارقىسىغا ياندۇرىدۇ. «شياۋ خېنىڭ ئايدىڭدا خەن شىننى قوغلىشى» دېگەن ئىبارە مانا شۇنىڭدىن پەيدا بولغان. ھېلىقى يىگىت ليۇ باڭنىڭ ئەتىۋارلىشىغا مۇيەسسەر بولالماي، خوشلاشمايلا كېتىپ قالغان خەن شىن، قوغلاپ كەلگەن مويسىپىت بولسا ليۇ باڭنىڭ ۋەزىرى شياۋ خې (? - مىلادىيىدىن بۇرۇنقى193 - يىللار) بولۇپ، شياۋ خېنىڭ كۈچەپ تونۇشتۇرۇشى ئارقىسىدا، ليۇ باڭ خەن شىننى تەزىم بىلەن ئىلكىگە ئېلىپ، بۈيۈك سانغۇن قىلىپ تەيىنلەيدۇ ھەمدە گەيشيا ئۇرۇشىدا غەلىبە قازىنىپ جاھاننى قولىغا ئالىدۇ.
شياۋ خې پېيشيەن ناھىيىسى (بۈگۈنكى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ پېيشيەن ناھىيىسى)دىن بولۇپ، خەن گاۋزۇ ليۇ باڭ بىلەن يۇرتداش. ئۇ چىن بەگلىكى زامانىسىدا پېيشيەن ناھىيىسىگە سىپاھ بولغان. شياۋ خې چېچەن، جەسۇر، ئىشنى ئىدىتلىق قىلىدىغان ئادەم بولۇپ، ليۇ باڭنىڭ ئارقىدىن مېڭىپ چىن شىخۇاڭغا قارشى تۇرغان، نۇرغۇن مۇرەككەپ ئىشلارنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋۇجۇدقا چىقارغان. ليۇ باڭ لەشكەر تارتىپ شيەنياڭغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، سانغۇن - تېكىنلەر ئالتۇن - كۈمۈش، مال - دۇنيا بۇلاش بىلەن بولۇپ كەتكەندە، شياۋ خې چىن بەگلىكى ئوردىسىدىكى ياساقلار، پەرمانلار، كىتابلار ۋە خەرىتىلەرنى يىغقان. شۇنىڭ بىلەن، ليۇ باڭ جاھاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قورۇللار، خەتەرلىك جايلارنى، ئاھالىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى، ئۆرپ - ئادەت، قائىدە - يوسۇنلارنىڭ قانداقلىقىنى بەش قولدەك ئېنىق ئىگىلىگەن، بۇ ھال ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنىش ۋە خەن سۇلالىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان.
ليۇ باڭ خەنجۇڭغا پادىشاھ بولۇپ، شياۋ خېنى ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەن.
ئۇ ليۇ باڭغا خەنجۇڭنى بازا قىلىپ، باشۇ (سىچۇەن) بەگلىكىنى قايتۇرۇۋېلىش، سەنچىن (گۇەنجۇڭ)نى تىنچىتىش، ئاندىن جاھاننى قولغا كەلتۈرۈش مەسلىھەتىنى كۆرسەتكەن. بۇ، شۇ چاغلاردىكى بىردىنبىر ياخشى تەدبىر ھېسابلانغان. ليۇ باڭ كۈنچىقىشقا قاراپ ئىلگىرىلەپ شياڭ يۈ بىلەن جاھاننى تالاشقاندا، شياۋ خې گۇەنجۇڭنى ساقلاپ، ھۆكۈمرانلىق تەرتىپلىرىنى ئورنىتىپ، ليۇ باڭغا ئوزۇق - تۈلۈك، ئەسكەر ئەۋەتىپ بېرىپ، ليۇ باڭنىڭ كۈنچىقىش تەرەپتە ئۇرۇش قىلىشىنى ئىشەنچلىك ئارقا سەپ بازىسى بىلەن تەمىن ئەتكەن. ليۇ باڭ شياڭ يۈنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، سانغۇنلارغا كۆرسەتكەن خىزمىتىگە قاراپ ئىنئام بېرىپ، شياۋ خېنى يۇڭچېڭنىڭ بەگلىكىگە تەيىنلىگەن.
شياۋ خې − غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ تۇنجى ۋەزىرى بولۇپ، جاڭ لياڭ، خەن شىن ۋە ئۆزى قوشۇلۇپ خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى ئۈچ ئەزىمەت دەپ ئاتالغان. ئۇ ئاستانە شەھەر چاڭئەننىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنى بىۋاسىتە پىلانلاپ ۋە تەشكىللەپ، خەن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزىنى بەرپا قىلغان. ئۇ تۈرلۈك تۈزۈملەرنى تۈزۈپ، «خەن سۇلالىسى قانۇنلىرى» نىڭ توققۇز بابىنى يېزىپ چىقىپ، خەن سۇلالىسىنىڭ قانۇن - نىزام تۈزۈملىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە بارلىققا كەلتۈرگەن؛ خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا «پۇقرالارغا ئارام بېرىش» سىياسىتىنى تۈزۈشكە قاتنىشىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئۇ يەنە ليۇ باڭغا ياردەملىشىپ خەن شىن، چېن شى، يىڭ بۇ قاتارلىق تەپرىقىچىلىك كۈچلىرىنى يوقىتىپ، خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينىغان.
شياۋ خې14 يىل ۋەزىر بولغان بولۇپ، تۇرمۇشىنى ئاددىي - ساددا ئۆتكۈزگەن، ئۆي سالغاندا چوڭ دەرۋازا - قوۋۇق ئورناتمىغان، ھويلا - قورۇ قىلمىغان، يەر سېتىۋالغاندا مۇنبەت يەرلەرنى تالاشمىغان، پەرزەنتلىرىدىن چۈشكۈنلىشىپ كەيپ - ساپا سۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.