UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىلى جى

لى جى

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى ئۇنتۇلماس مەردانىنىڭ چۈشكەنلىكىنى ھاڭغا ھېچ، پالۋان ساقلاشنى باش ئەستىن چىقارماس ھەممە ۋاق. ئەمدى مەن ئۆلمەي كۈتەي تاقەت قىلىپ قاي ۋاققىچە؟ باقىي ئالەمگە كېتىشكە رازىمەنكى بالدۇرراق. مىلادىيە1602 - يىلى،76 ياشلىق لى جى زىنداندا يۇقىرىدىكى شېئىرنى يازغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ چېچىنى ياساتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇستىرا بىلەن ئۆزىنى بوغۇزلاپ ئۆلۈۋېلىش يولى بىلەن، مىڭ سۇلالىسىدىكى فېئودال مۇستەبىتلەرگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قارشىلىق كۆرسەتكەن. لى جى (1527 −1602 - يىللار) ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى تەرەققىيپەرۋەر مۇتەپەككۇرى، ئەدىبى، شۇنداقلا فېئوداللىق تۈزۈمگە قارشى قەھرىمانى بولۇپ، جىنجياڭ (ھازىرقى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ چۈەنجۇ ئوبلاستى)دىن. ئۇنىڭ دادىسى خۇسۇسىي مەكتەپتە خەلپەتلىك قىلغان، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى. لى جى تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەچكە، نۇرغۇن نەرسىلەرنى دادىسىدىن ئۆگەنگەن. لى جى ئۆزىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن: «مەن كىچىكىمدىن تارتىپ قەيسەر ۋە كاج ئىدىم، تەرىقەتكە، ئەۋلىيا - ئەنبىيالارغا، ساكيامۇنىغا ئىشەنمەيتتىم. شۇ سەۋەبتىن، تويىنلار ۋە راھىبلارنى كۆرسەم بىزار بولاتتىم، تەرىقەتچى موللىلارنى كۆرسەم تېخىمۇ بىزار بولاتتىم.» لى جى ئوتتۇرا ياش ۋاقتىدا خانلىق بىلىم يۇرتىدا ئۆلىما بولغان، ئۇزاق ئۆتمەي، زىندان پىرقىسى كاتاۋۇلى ۋە يۈننەننىڭ ياۋئەن ئايمىقىدا ئايماقبېگى بولغان. ئۇ ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى زۇلمەتچىلىكتىن نارازى بولۇپ،1581 - يىلى، مەنسىپىدىن ئىستېپا بېرىپ، خۇبېيدىكى ماچېڭجى ئىبادەتخانىسىغا كۆچۈپ بېرىپ، مۇتالىئە قىلىش ۋە ئەسەر يېزىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ كەتكەن. لى جىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن «ساقلانغان كىتابلار»، «ساقلانغان كىتابلارنىڭ داۋامى»، «كۆيدۈرۈلگەن كىتابلار»، «كۆيدۈرۈلگەن كىتابلارنىڭ داۋامى» قاتارلىقلار بار. لى جى بۇ ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ بىدئەتچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ، فېئوداللىق ئەنئەنىۋى قائىدە - يوسۇن ۋە ساختا تويىنشۇناسلىقنى يۈرەكلىك پاش قىلغان ۋە كەسكىن تەنقىد قىلغان. ئۇ كۇڭزىنى تەنقىد قىلىشقا پېتىنغان ھەمدە: كۇڭزىنىڭ ھەق - ناھەق ئۆلچىمىنىلا ھەق - ناھەقنى ئايرىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ قارىغان، ئۇ يەنە كۇڭزىچىلارنىڭ «مۇھاكىمە ۋە بايان»، «مېڭزى» قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلىرىنى قاتتىق سۆككەن ھەمدە: بۇلار «مەڭگۈلۈك تەلىمات» ئەمەس، دېگەن. ئۇ ئەينى چاغدىكى خانىدانلىق بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن تويىنشۇناسلىق ۋە تويىنشۇناسلاردىن تېخىمۇ بىزار بولۇپ، ئۇلارنى «مۇناپىقلار»، «پەسكەش تالىپلار»، «قۇرۇق ئېتىقادچىلار» دەپ ئەيىبلىگەن. لى جىنىڭ ئەسەرلىرى جەمئىيەتتە تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، زور تەسىر قوزغىغان، فېئودال مۇستەبىتلەر ئۇنى قورقۇنچلۇق بالايىئاپەت، دەپ قارىغان.1602 - يىلى پادىشاھ لى جىنى «ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ، كىشىلەرنى ئازدۇردى» دېگەن جىنايەت بىلەن زىندانغا تاشلاپ، ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈرگەن. لى جى تۈرمىدە دۈشمەنگە قەتئىي تىز پۈكمەي، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى