ليۇ يۇڭفۇ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
ليۇ يۇڭفۇ (1837 −1917 - يىللار) گۇاڭدۇڭنىڭ چىنجۇ (ھازىرقى گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ چىنجۇ ناھىيىسى)دە ياللانما ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1857 - يىلى، تيەندىخۇينىڭ چىڭ سۇلالىسىگە قارشى قوزغىلىڭىغا قاتناشقان.1866 - يىلى، پىدائىيلار قوشۇنىنى باشلاپ گۇاڭشىنىڭ ئەندې دېگەن يېرىدىكى بېيدى ئىبادەتخانىسى ئالدىدا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، يەتتە يۇلتۇزلۇق قارا بايراقنى قوشۇنىنىڭ بايرىقى قىلغان، شۇڭا ئۇنىڭ قوشۇنى قارا بايراقلىق قوشۇن دەپ ئاتالغان.1867 - يىلى ئۇ چىڭ قوشۇنىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قوشۇنىنى باشلاپ ۋيېتنامنىڭ شىمالىغا بېرىۋالغان ھەمدە شۇ يەردە كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان.
فرانسىيە ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلغاندا، ليۇ يۇڭفۇ ۋېيتنام ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئەسكەر تارتىپ جەڭ قىلىپ فرانسىيە ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن قارا بايراقلىق قوشۇننىڭ شۆھرىتى تېخىمۇ ئاشقان.1883 - يىل5 - ئاينىڭ19 - كۈنى، ليۇ يۇڭفۇ قوشۇنىنى باشلاپ خانويدىكى جىچاۋ دېگەن يەردە فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ نەچچە مىڭ ئەسكىرىنى يوقىتىپ ۋە قوماندانىنى ئۆلتۈرۈپ، ۋيېتنامنىڭ پايتەختى خانوينى قايتۇرۇۋالغان. ئۇ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، ۋيېتنام ئۈچۈن كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، ۋيېتنام پادىشاھى ئۇنىڭغا «باتۇر ئەزىمەت» دەپ نام بەرگەن.
جۇڭگو - فرانسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، چىڭ ھۆكۈمىتى فرانسىيىگە قارشى تۇرۇش نامى بىلەن قارا بايراقلىق قوشۇننى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ليۇ يۇڭفۇغا «رويخەتتىكى ياساۋۇل بېگى» دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن. ئۇ فرانسىيىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا دۈشمەننى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. ۋيېتنام پادىشاھى فرانسىيىگە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ليۇ يۇڭفۇ يەنىلا قوشۇنىنى باشلاپ رېد - رىۋېر دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى داۋاملىق ساقلىغان، فرانسىيە ئارمىيىسى ئۇنى مۇداپىئەنى بىكار قىلىش بەدىلىگە10 مىڭ تەڭگىگە سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. جۇڭگو - فرانسىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ قوشۇنىنى باشلاپ جېننەنگۇەن (ھازىرقى يۇيىگۇەن) گە قايتىپ كەلگەن ھەمدە گۇاڭدۇڭ نەنئاۋجېننىڭ باشبۇغلۇقىغا تەيىنلەنگەن.1894
- يىلى جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ليۇ يۇڭفۇ تەيۋەننىڭ ياردەمچى نازارەتچى ئامباللىقىغا تەيىنلەنگەن.1895 - يىلى، چىڭ سۇلالىسى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، تەيۋەننى ياپونىيىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن. ليۇ يۇڭفۇ تەيۋەننى ياپونىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قوزغاپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. سىرتنىڭ ھېچقانداق ياردىمى بولمىغان، ئىچكى جەھەتتە ئوزۇق - تۈلۈك ۋە تەمىنات يېتىشمىگەن ئەھۋالدا، ليۇ يۇڭفۇ قوشۇنىنى باشلاپ ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن يەكمۇيەك قانلىق جەڭ قىلىپ، ئۇلارغا كۆپ قېتىم قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن، لېكىن دۈشمەن كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەي ئاخىر شيامېنغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.
ليۇ يۇڭفۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يۇرتىغا قايتىپ ئارام ئالغان، لېكىن ئۇنىڭ ۋەتەنگە بولغان ساداقىتى ئاجىزلىشىپ قالمىغان.1915 - يىلى ئۇ تېلېگرامما يوللاپ، يۈەن شىكەينىڭ ياپونىيە بىلەن ۋەتەن ساتقۇچ «21 ماددىلىق بېتىم» ئىمزالىغانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، پىدائىيلار قوشۇنى تەشكىللەپ ياپونىيىگە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.1917 - يىلى80 يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن.