چى جىگۇاڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
«مەقسىتىم چوڭ ئەمەلدار بولۇش ئەمەستۇر پەقەت، يۇرتۇمنى تىنچلاندۇرسام دەيمەن ئەبەد». بۇ مىڭ سۇلالىسىنىڭ ياپون قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرغان قەھرىمانى چى جىگۇاڭ16 يېشىدا يازغان شېئىر بولۇپ، شېئىردا ئۇنىڭ ياپون قاراقچىلىرىنى يوقىتىپ، يۇرتىنى قوغداشتەك ئۇلۇغۋار ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن.
چى جىگۇاڭ (1528 −1587 - يىللار) مىڭ سۇلالىسىنىڭ ياپون قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرغان ئاتاقلىق سەركەردىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېڭجۇ (ھازىرقى پىڭلەي) دېگەن يېرىدىن بولۇپ، سەركەردە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ17 يېشىدا ئاتىسىنىڭ ئەمىلىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شەندۇڭ دېڭجۇنىڭ بۇيۇرغىلىقىغا تەيىنلەنگەن.28 يېشىدا مەسلىھەتچى سەركەردىلىككە تەيىنلىنىپ جېجياڭغا يۆتكىلىپ، نىڭبو، شاۋشىڭ، تەيجۇ قاتارلىق ئۈچ ئايماق، ۋىلايەتنى قوغداپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبى دېڭىز بويىنى پاراكەندە قىلىۋاتقان ياپون قاراقچىلىرىغا زەربە بەرگەن.
مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە، ياپونىيىدىكى فېئوداللار، سامۇرايلار، لۈكچەكلەر، ئەتكەسچى سودىگەرلەر ۋە دېڭىز قاراقچىلىرى جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبى دېڭىز بويىنى دائىم پاراكەندە قىلىپ، مال - مۈلۈكنى خالىغانچە بۇلاپ - تالاپ، كىشىلەرنى تالان - تاراج قىلاتتى. شۇڭا، دېڭىز بويىدىكىلەر ئۇلارنى «ياپون قاراقچىلىرى» دەپ ئاتىغانىدى. چى جىگۇاڭ جېجياڭغا بارغاندىن كېيىن، ياپون قاراقچىلىرىنى يوقىتىش ئۇرۇشىغا دەرھال ئاتلانغان. ئۇرۇش داۋامىدا ئۇ كونا قوشۇندىكىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاجىزلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە جىنخۇا ۋە يىۋۇغا بېرىپ3000 دىن ئارتۇق كان ئىشچىسى ۋە دېھقاننى لەشكەرلىككە قوبۇل قىلىپ، يېڭى قوشۇن قۇرۇپ چىققان. چى جىگۇاڭ «ئوغرىلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئاۋامنى قوغداش» ئىدىيىسى بىلەن لەشكەرلەرگە تەلىم بەرگەن؛ يېڭىچە قوشماق بولۇپ سەپ تۈزۈش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان؛ ياپون قاراقچىلىرىغا قارشى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىدىغان، ئىنتىزامچان، كۈچلۈك «چى جەمەتى قوشۇنى» نى تەربىيىلەپ چىققان. يېڭىچە قوشماق بولۇپ سەپ تۈزۈش ئۇسۇلىدا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا كۆللەر كۆپ، چەۋەندازلارغا قۇلايسىز بولۇش ئالاھىدىلىكى كۆزدە تۇتۇلغان؛ بۇ ئۇسۇل12 ئادەمدىن بىر سەپ تۈزۈپ، ھەربىر سەپكە قالقان، نەيزە، قىلىچ بىلەن قوراللانغان لەشكەرلەرنى سەپلەپ، ئۇرۇش داۋامىدا ئىككىدىن قوشماق بولۇپ، ئۇزۇن - قىسقا قورال - ياراغلار بىلەن ئۆزئارا مۇداپىئە قىلىپ، بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ تەھدىت كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان.1561
- يىلى، ياپون قاراقچىلىرى تەيجۇ رايونىنى كەڭ كۆلەمدە كۆيدۈرۈپ، بۇلاپ - تالىغاندا، چى جىگۇاڭ قوشۇنىنى باشلاپ تەيجۇغا يۈرۈش قىلىپ، ئۇدا بىر ئايدىن كۆپرەك جەڭ قىلىپ، توققۇز قېتىملىق جەڭنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلىپ،5000 −6000 دەك دۈشمەننى يوقىتىپ، ياپون قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى داڭلىق «تەيجۇ ئۇرۇشى» غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. چى جىگۇاڭ ھەر قېتىملىق جەڭگە سالماقلىق بىلەن قوماندانلىق قىلىپ، دۈشمەننى باتۇرلارچە يوقىتىپ، دۈشمەننى ساراسىمىگە سالغان، شۇڭا ياپون قاراقچىلىرى ئۇنى «يولۋاس» دەپ ئاتاشقان.1562
- يىلى، فۇجيەننىڭ دېڭىز بويىدىكى ياپون قاراقچىلىرى ئىنتايىن غالجىرلىشىپ كەتكەندە، چى جىگۇاڭ قوشۇنىنى باشلاپ بىۋاسىتە نىڭدېغا ياردەمگە بېرىپ، بىر ھۇجۇم بىلەنلا تۆت ئەتراپىنى دېڭىز ئوراپ تۇرغان خېڭيۈ ئارىلىنى ئىگىلەپ،2000 دىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقاتقان. ئۇ يەنە قوشۇنىنى باشلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، نەچچە ئون دۈشمەن بارگاھىنى كەينى - كەينىدىن يوقىتىپ، نيۇتيەن، لىندۈندىكى ياپون قاراقچىلىرى ئۇۋىسىنى تارمار قىلغان. ئارقىدىنلا قوشۇننى باشلاپ جېجياڭغا قايتىپ، ئۇ يەردىكى قالدۇق دۈشمەنلەرنى تىنچىتقان.1563 - يىلى، ئۇ يەنە بىر قېتىم چى جەمەتى قوشۇنىنى باشلاپ فۇجيەنگە يۈرۈش قىلىپ، ياپون قاراقچىلىرىغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان يەنە بىر سەركەردە يۈ دايۇ بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىپ، پىڭخەيۋېيدا ياپون قاراقچىلىرىنى بىتچىت قىلىپ،2000 دىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقاتقان، بۇلاپ كېتىلگەن3000 دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ئەر - ئايالنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان. ئاندىن كېيىن ئۇلار يەنە شيەنيۇ شەھىرىدىكى10 مىڭدىن ئارتۇق ياپون قاراقچىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، قالدۇق دۈشمەنگە جاڭپۇغىچە قوغلاپ زەربە بېرىپ، فۇجيەندىكى ياپون قاراقچىلىرىنى تەلتۆكۈس يوقاتقان.1565 - يىلى، چى جىگۇاڭ يەنە يۈ دايۇ بىلەن گۇاڭدۇڭدا ئۇچرىشىپ، گۇاڭدۇڭدىكى ياپون قاراقچىلىرىنى يوقاتقان. شۇنىڭدىن كېيىن، شەرقىي جەنۇبى دېڭىز بويىدىكى ياپون قاراقچىلىرى ئاساسەن يوقىتىلغان.
چى جىگۇاڭ1568 - يىلىدىن باشلاپ يەنە شىمالىي جۇڭگو چېگرىسىنى16 يىل قوغدىغان. ئۇ ئۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن سول تۇتۇق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن.1584 - يىلى ئۇ گۇاڭدۇڭغا يۆتكىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئەمىلىدىن ئىستېپا بېرىپ ئۆيىگە قايتقان.