سۇن جۇڭشەن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
سۇن جۇڭشەن (1866 −1925 - يىللار) ئېلىمىز دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ پېشۋاسى، ئۇلۇغ دېموكراتىك ئىنقىلابچى. ئىسمى ۋېن، تەخەللۇسى يى شەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شياڭشەن ( ھازىرقى جۇڭشەن) ناھىيىسىدىن. ئۇ ياپونىيىدە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگەن مەزگىلىدە ئىسمىنى «جۇڭشەنجياۋ» غا ئۆزگەرتكەنلىكى ئۈچۈن، سۇن جۇڭشەن دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ كىچىكىدىنلا ۋەتەننى، خەلقنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزىنى «ئىككىنچى خۇڭ شيۇچۈەن» دەپ ئاتىغان. ئىلگىرى ئۇ ھونولۇلۇ، گۇاڭجۇ، شياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردا غەربچە مەكتەپلەردە ئوقۇغان،1892 - يىلى شياڭگاڭ مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاۋمېن، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردا دوختۇرلۇق قىلغان.1894
- يىلى جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى پارتلاپ، مىللەت كرىزىس ئىچىدە قالغاندا، سۇن جۇڭشەن لى خۇڭجاڭغا مەكتۇپ سۇنۇپ «ھەممە ئادەم ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سالىدىغان، جىمى بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىدىغان، ئەركىن سودا - سېتىق يولغا قويۇلغان جەمئىيەت قۇرۇش» نى تەشەببۇس قىلغان، ئەمما لى خۇڭجاڭ ئۇنىڭ تەشەببۇسىنى رەت قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، سۇن جۇڭشەن بۇرژۇئا ئىنقىلابى يولىغا قەدەم قويغان.
شۇ يىلى قىشتا، سۇن جۇڭشەن ھونولۇلۇدا «جۇڭگونى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتى» ناملىق ئىنقىلابىي تەشكىلاتنى قۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق جايلاردا ئورگان تەسىس قىلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ياپونىيىگە قېچىپ بېرىپ، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە جەنۇبتىكى دېڭىز ياقىسى رايونلىرى قاتارلىق جايلاردا كاپىتالىستىك جەمئىيەتنى تەكشۈرگەن؛ جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارغا ئىنقىلابىي تەشەببۇسلارنى تەشۋىق قىلىپ، ئىنقىلابىي تەشكىلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرغان؛ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ياپونىيىنىڭ ياكوخاما، ۋيېتنامنىڭ خانوي، ئامېرىكىنىڭ سان فرانسىسكو قاتارلىق جايلىرىدا، «جۇڭگونى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتى» نىڭ تارماقلىرىنى قۇرغان.1905
- يىلى سۇن جۇڭشەن «جۇڭگونى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتى»، «جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتى» قاتارلىق ئىنقىلابىي تەشكىلاتلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە «جۇڭگو ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتى» نى قۇرغان ھەمدە ئۇنىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتى ئۈچۈن «بەگ - غوجاملارنى يوقىتىپ، جۇڭخۇانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلق دۆلىتى قۇرۇش، يەر ھوقۇقىنى تەڭ تەقسىم قىلىش» تىن ئىبارەت بۇرژۇئا ئىنقىلابى پروگراممىسى تۈزگەن ۋە ئۈچ مەسلەك تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە «خەلق گېزىتى» نى تەسىس قىلىپ ئىنقىلابنى تەشۋىق قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ نۇرغۇن قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىپ مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، شىنخەي ئىنقىلابىنى قوزغاشقا شارائىت ھازىرلىغان.1911
- يىلى (دېھقانلار كالېندارى بويىچە شىنخەي يىلى) ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى پارتلاپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەر قوزغىلاڭغا ئارقا - ئارقىدىن ئاۋاز قوشۇپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان.12 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، سۇن جۇڭشەن چەت ئەلدىن قايتىپ كېلىپ،17 ئۆلكە ۋەكىللىرى ئاچقان جۇڭخۇا مىنگو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىنىدا، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۈيۈك زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان.1912 - يىلى1 - ئايدا، سۇن جۇڭشەن نەنجىڭدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ، جۇڭخۇا مىنگو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.2 - ئاينىڭ13 - كۈنى ئىنقىلابىي پارتىيىدىكىلەر يۈەن شىكەيگە مۇرەسسەچىلىك قىلغاچقا، سۇن جۇڭشەن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان، يۈەن شىكەي داۋاملىق جۇڭخۇا مىنگو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بۈيۈك زۇڭتۇڭى بولغان. سۇن جۇڭشەن يۈەن شىكەينىڭ ھاكىممۇتلەقلىقىنى توسۇش ئۈچۈن، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشتىن بۇرۇن، شەخسەن ئۆزى بۇرژۇئا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن خاراكتېرىنى ئالغان «جۇڭخۇا مىنگونىڭ ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇنى» نى تۈزۈپ چىقىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان.8 - ئايدا، ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتى گومىنداڭغا ئۆزگەرتىلگەندە، ئۇنىڭ باشلىقى بولغان. ئارقىدىن يۈەن شىكەي ئۇنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆمۈريول ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىگەن.1913
- يىلى، سۇن جۇڭشەن يۈەن شىكەيگە قارىتىلغان «ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب» قا رەھبەرلىك قىلغان. كېيىنكى يىلى، ئۇ يەنە «ۋەتەننى قوغداش ھەرىكىتى» گە رەھبەرلىك قىلىپ، يۈەن شىكەيگە جازا يۈرۈشى قىلىش، ۋەتەننى قوغداش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان. شۇ يىلى، ئۇ ياپونىيىدە «جۇڭخۇا ئىنقىلابىي پارتىيىسى»نى قۇرۇپ، ئۇنىڭ زۇڭلىسى بولغان.1917 - يىلى يەنە «ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەرىكىتى» گە رەھبەرلىك قىلىپ، گۇاڭجۇدا ھەربىي ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، گېنېرالسىموسلۇققا سايلانغان.1919 - يىلى، جۇڭخۇا ئىنقىلابىي پارتىيىسىنى گومىنداڭغا ئۆزگەرتىپ، «جۇمھۇرىيەتنى مۇستەھكەملەش، ئۈچ مەسلەكنى يولغا قويۇش» نى سىياسىي پروگرامما قىلغان.1921
- يىلى سۇن جۇڭشەن گۇاڭجۇدا جۇڭخۇا مىنگونىڭ بۈيۈك زۇڭتۇڭلۇقىغا قايتا سايلىنىپ، شىمالغا جازا يۈرۈشى قىلىشقا پائال تەييارلىق قىلغان. كېيىنكى يىلى، چېن جيۇڭمىڭ ئىنقىلابقا خائىنلىق قىلىپ، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى توپقا تۇتقاندا، سۇن جۇڭشەن باشقىچە ياسىنىپ شاڭخەيگە قېچىپ بېرىۋالغان. ئۇ جۇمھۇرىيەتنى قوغداپ، ھاكىممۇتلەقلىققا قارشى تۇرۇش يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلغان بولسىمۇ، بىراق كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولغان ھەمدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان.
سۇن جۇڭشەن ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالغاندا، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنغان.1924 - يىل1 - ئايدا، ئۇ گۇاڭجۇدا گومىنداڭنىڭ بىرىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، گومىنداڭنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش خىتابنامىسىنى جاكارلاپ، «روسىيە بىلەن بىرلىشىش، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىش، ئىشچى - دېھقانلارغا يار - يۆلەك بولۇش» تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سىياسەتنى بېكىتكەن ھەمدە كونا ئۈچ مەسلەكنى يېڭى ئۈچ مەسلەككە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيىنىڭ ۋە ھەر ساھە خەلقىنىڭ بىرلىك سېپىنى قۇرۇپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنى قۇرۇپ، غوللۇق قوماندانلارنى تەربىيىلەپ، ئارقا سەپنى مۇستەھكەملەپ، شىمالغا جازا يۈرۈشى قىلىشقا تەييارلانغان.11 - ئايدا، ئۇ فېڭ يۈشياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شىمالغا بېرىپ، دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭىشىپ، «پارلامېنت يىغىنى ئېچىش ۋە تەڭسىز شەرتنامىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جاھانگىرلارغا ۋە شىمالىي مىلىتارىستلارغا قارشى كۈرەش قىلغان. سەپەر جەريانىدا كېسەل سەۋەبىدىن يېتىپ قېلىپ،1925 - يىل3 - ئاينىڭ12 - كۈنى بەختكە قارشى بېيجىڭدا ۋاپات بولغان. ئۇ كۆز يۇمۇش ئالدىدا: «خەلقنى ئويغىتىپ، بىزگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان دۇنيا مىللەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ كۈرەش قىلايلى» دەپ چاقىرىق قىلغان. سۇن جۇڭشەننىڭ جەسىتى كېيىن نەنجىڭغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ، زىجىن تېغىدىكى لۇجۇڭشەن قەبرىستانلىقىغا قويۇلغان.