يۆ يۈن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ شاۋ شىڭ5 - يىلى (مىلادىيە1135 - يىلى) باش ياز، جىن سۇلالىسىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى كۈرەش قىلغان داڭلىق سەركەردە يۆ فېي شياڭياڭ شەھىرىنىڭ سىرتىدا «يۆ جەمەتى قوشۇنى» نىڭ ھەربىي مەشقىنى كۆزدىن كۆچۈرۈۋاتاتتى. ئۇچىسىغا ئاق يېپىنچا ئارتىۋالغان سۇباتلىق بىر ئۆسمۈر چوڭ بىر ئاق ئاتنى ئۇچقاندەك چاپتۇرۇپ، ئالتە چىدىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى توسۇقتىن چەبدەسلىك بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئارقىدىنلا كەينى - كەينىدىن ئۈچ تال يا ئوقىنى100 قەدەم نېرىدىكى نىشاننىڭ مەركىزىگە تەگكۈزىدۇ. يۆ فېينىڭ يېنىدا تۇرغان سانغۇنلار: «بەگزادە كىچىكلىكىگە قارىماي باتۇر بولۇپ يېتىلىپتۇ، سەركەردىنىڭ ئارسلانى - دە!» دەپ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىدۇ. ئەسلىدە، بۇ ئۆسمۈر يۆ فېينىڭ ئاسراندى ئوغلى يۆ يۈن (مىلادىيە1120 −1142 - يىللار) ئىدى.
يۆ يۈن شياڭجۇ ئايمىقىنىڭ تاڭيىن (ھازىرقى خېنەننىڭ تاڭيىن ناھىيىسى) دېگەن يېرىدىن بولۇپ، گۆدەك چېغىدىلا يۆ فېي ئاسراندى ئوغۇل قىلىۋالغان. يۆ يۈن دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا ھەربىي تۇرمۇشقا ھەۋەس قىلىدىغان ۋە جەڭگاھلاردا دۈشمەنلەرنى قىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ تەربىيىلەنگەن. ئۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، قالتىس ماھارەت يېتىلدۈرگەن،80 قاداق كېلىدىغان گۈرزىنى پىرقىرىتىپ ئوينىتىدىغان بولۇپ كەتكەن.12 ياشقا كىرگەندە دادىسىغا ئەگىشىپ ئەسكەر، كېيىنچە يۆ جەمەتى قوشۇنىدا ئۆسمۈر سانغۇن بولغان.1134
- يىلى يۆ يۈن جەڭگە بېرىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ ۋە قوشۇن باشلاپ بېرىپ، جىن قوشۇنى بېسىۋالغان سۈيجۇ (ھازىرقى خۇبېيغا تەۋە)گە ھۇجۇم قىلىدۇ. قوشۇن باشلاپ كېلىپ شەھەرگە تېگىش قىلغان قومانداننىڭ ئون نەچچە ياشلىق كىچىككىنە بالا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان جىن قوشۇنى سەركەردىلىرى بىخۇدلىشىپ پەرۋا قىلمايدۇ. يۆيۈن قوشۇنىنى باشلاپ كېچىلەپ يول يۈرۈپ شەھەر سېپىلىغا يېقىنلىشىدۇ - دە، ئىنتايىن تېزلىك بىلەن شوتا قويدۇرۇپ سېپىلغا چىقىپ، گۈرزىلىرىنى ئوينىتىپ، ئون نەچچە جىن لەشكىرىنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سېپىلنى ساقلاۋاتقان لەشكەرلەر بەئەينى كۆنىكى چۇۋۇلغان ھەرىلەردەك پاتىپاراق بولۇپ كېتىپ، ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ، بۇ قېتىملىق جەڭدە يۆيۈننىڭ داڭقى بىراقلا چىقىپ كېتىدۇ.1140
- يىلى سۇڭ سۇلالىسى بىلەن جىن سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن يەنچىڭ (ھازىرقى خېنەندە) دىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە، يۆ يۈن ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ دۈشمەن ئىستىھكامىغا بۆسۈپ كىرىپ، جىن قوشۇنىنىڭ سانغۇنى ۋۇ ماڭنىڭ قوماندانلىق بارگاھىنىڭ ئالدىغىچە قىستاپ بارىدۇ ۋە نەچچە يۈز جىن لەشكىرىنى ئۆلتۈرۈپ، جىن قوشۇنىنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ غەلىبىسىگە ئاساس سالىدۇ. شۇ يىلى يىنچاڭ (ھازىرقى خېنەننىڭ شۈچاڭ ناھىيىسى)دا يۈز بەرگەن چوڭ جەڭدە، ئۇ قوشۇنىنى باشلاپ دۈشمەن بازىسىدا ئۇياقتىن بۇياققا چېپىپ يۈرۈپ نۇرغۇن دۈشمەننى يوقىتىدۇ، ئۆزىنىڭمۇ100 نەچچە يېرى يارىلىنىدۇ.
بىر قېتىملىق ھەربىي مەشىقتە يۆ يۈننىڭ ئېتى پۇتلىشىپ كېتىپ، ئۆزىمۇ ئاتتىن يىقىلىپ چۈشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن سەپ قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. ھەربىي قائىدە بويىچە ئۇ جازالىنىپ100 دەررە ئۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى. باشقا سانغۇنلار ئۇنى بۇ جازادىن خالاس قىلىۋېتىش ئۈچۈن ئارىغا چۈشۈپ سالا قىلىدۇ، ئەمما ئۇ: «مەن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلدىم، شۇڭا بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىشىم كېرەك. يۆ جەمەتى قوشۇنىنىڭ نام - ئابرۇيىغا داغ تەگكۈزسەم بولمايدۇ!» دەپ دادىللىق بىلەن جازا ئورنىدا ھازىر بولۇپ، ھېچ ئىككىلەنمەستىن جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
سۇڭ گاۋزۇڭ بىلەن چىن خۈي جىن سۇلالىسىگە قارىتا تەسلىمچىلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، تەسلىمىچىلىككە قارشى تۇرغان يۆ فېيگە يوقىلاڭ بەتناملارنى چاپلاپ قەست قىلىدۇ. يۆ يۈن باشتىن - ئاخىر يۆفېي بىلەن بىللە بولغىنى ئۈچۈن، ئۇمۇ قەستكە ئۇچرايدۇ. يۆيۈن ئۇياق - بۇياقلاردا نۇرغۇن جەڭلەرنى قىلىپ، ئاجايىپ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ، قەتل قىلىنغان چاغدا ئاران22 ياشتا ئىدى.