UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىباتۇچىن

باتۇچىن

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى باتۇچىن سولۇن (داغۇر)1884 - يىلى تۇغۇلغان. ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن ئىلى كۈرە مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1903 - يىلى مانجۇ ھۆكۈمىتى ئالما - ئاتا گىمنازىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. 1910 - يىلى ئوقۇش پۈتتۇرۈپ قايتىپ كېلىپ، ئۈرۈمچىدە دىپلوماتىيە ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. كېيىن چېگرىسىدىن كىرگەن ئاق گۋاردىيىچى دۇتۇپ قوشۇنى (دۇتۇپ چارروسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيە قىسمىنىڭ ئاتامانى. ئۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئابدۇللا روزى باقىيوۋ باشچىلىقىدىكى تانچىلار ئۇيغۇر پولكىدىن يېڭىلىپ ئىلى، چۆچەك قاتارلىق جايلارغا قېچىپ كەلگەن) نىڭ خىزمىتىنى ئىشلىگەن. ئۇ 1930 - جۇڭگونىڭ ئالما - ئاتادا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. 1934 - يىلى خىزمەت ۋاقتى توشۇپ قايتىپ كەلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي شېڭ شىسەي ئۇنى قاماققا ئالغان، 1949 - يىلى تۈرمىدىن چىقىپ ئۆز ئۆيىدە تۇرغان. 1949 - يىلىدىن كېيىن ئىلى سىياسىي كېڭەشىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1957 - يىلى كېسەل بولۇپ ۋاپات بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى
باتۇچىن | UyghurWiki | UyghurWiki