چېن تيەنخۇا
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
1905 - يىل12 - ئاينىڭ8 - كۈنى، جۇڭگولۇق بىر ياش ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ «جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياپونىيىدە ئوقۇشىنى مەنئى قىلىش بەلگىلىمىسى» گە قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ، ئۇلارنى ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش يولىدا جېنىنى پىدا قىلىشقا قەسەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇرغان ھەمدە غەزەپ - نەپرىتىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي، ياپونىيىدىكى ئومورى دېڭىزىغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان. تارىخ ۋە خەلق بۇ ئىنقىلابىي قۇربان − چېن تيەنخۇانى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايدۇ.
چېن تيەنخۇا (1875 −1905 - يىللار) خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنخۇا دېگەن يېرىدىن. ئۇ كىچىكىدىنلا ئىنتايىن تىرىشچان بولۇپ، خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ئاممىباب ئەسەرلەرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان، ئانچە - مۇنچە ھېكايە، قوشاقلارنى ئۈلگە قىلىپ يېزىپ «زېرەك بالا» دەپ نام چىقارغان.1903 - يىلى ياپونىيىگە بېرىپ ئوقۇپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىنقىلابقا ئاكتىپ قاتناشقان. چارروسىيىنىڭ ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىنى بېسىۋالغىنىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، بارمىقىنى چىشلەپ قانىتىپ، قان بىلەن نەچچە پارچە خەت يېزىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەشۋىق قىلغان. ئۇ يەنە روسىيىگە قارشى پىدائىيلار قوشۇنىغا قاتناشقان ھەمدە ۋەتەنگە قايتقان ئىنقىلاب پائالىيەتچىلىككە كۆرسىتىلگەن.
شۇ يىلى چېن تيەنخۇا «دەرھال ئويغان»، «زامانغا سىگنال» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، جاھانگىرلىكنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىدەك جىنايى قىلمىشلىرىنى ۋە چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ غالچىلىق ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىغان. ئۇ كىتابىدا: «بۇ خانىدانلىق نامدا بار، ئەمەلدە يوق، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئەجنەبىيلەرنىڭ ئالدىدا موللا مۈشۈك»، «ئەجنەبىيلەرنى يوقىتىمىز دەيدىكەنمىز، ئىنقىلابىي مۇستەقىللىقنى تەكىتلەشكىلا بولىدۇكى، پادىشاھتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ»، «ئەجنەبىيلەر كەلسە، ھەممە ئادەم يۈرەكلىك بولۇپ، قىلىچىنى ئوبدان بىلەپ، ئوق - دورىنى يېتەرلىك تەييارلاپ، بىر نىيەتتە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىشى، چىڭ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى كېرەك» دەپ يازغان. ئۇ يەنە جۇڭگونى ئۇيقۇدىكى شىرغا ئوخشىتىپ، ئۇنى ئويغىتىشقا تىرىشقان.1904
- يىلى چېن تيەنخۇا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، خۇاڭ شىڭ، سۇڭ جياۋرېن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە خۇنەندە جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، چىڭ سۇلالىسىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلانغان، بىراق قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ، ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن.1905 - يىلى ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە بۇ جەمئىيەتنىڭ سېكرىتار بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، «خەلق گېزىتى» نىڭ ئاساسلىق ماقالىلىرىنى يازغان. ئۇ دېڭىزغا سەكرەپ ئۆلۈۋالغاندىن كېيىن، جەسىتى خۇنەنگە ئېلىپ كېلىنىپ، يۆلۇشەن تېغىغا دەپنە قىلىنغان.