UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىئەلەن ۋاڭ

ئەلەن ۋاڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى قاسىمقاننىڭ ئوغلى جېڭسىقان 1860 - يىلى تۇغۇلىدۇ، ئۇ 1890 - يىلى 27 يېشىدا دادىسىنىڭ گۇڭلۇق مەنسىپىگە ئولتۇرۇپ، 22 يىل ئاباق كېرەيگە ھۆكۈمران بولۇپ، 1912 - يىلى 49 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. جېڭىسقاننىڭ چوڭ خوتۇنى قالمان خانىمدىن، سەئۇدى (سەئىد ۋاققاز)، ئەلەن (ئەل مۇھەممەت)، كىچىك خوتۇنى مەتىكە خانىمدىن شارىپقان، شاھىمەردان (شاھسۇلتان) ئىسىملىك بالىلىرى بولغان. جىڭىسقان ھايات ۋاقتىدا 1889 - يىلى تۇغۇلغان ئوغلى ئەلەننىڭ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. جۈملىدىن ئەلەم 1912 - يىلى گۇڭلۇق مەنسىپىگە ئولتۇرىدۇ. جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى 1913 - يىلى ئەلەنگە جۈنۋاڭلىق ئەمىلى بېرىدۇ. ئەلەن بالا ۋاقتىدا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، خەت ساۋاتىنى چىقىرىدۇ. كېيىن ئۇ دادىسى جېڭسىقانغا كاتىب بولىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەلەن ۋاڭ تۇرمۇشتا ئاددىي - ساددا، ئادىل، خىزمەتنى ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن باشقۇرىدىغان، سىپايە، ئوتتۇرا بوي، ئاق يۈزلۈك، يۈزىدە ئاز - پاز دېغى بار كىشى ئىكەن، ئۇ ئۆمرىدە بىرلا قېتىم خادىۋاڭ خانىمغا ئۆيلەنگەن. ئەلەن ۋاڭ 1961 - يىلى ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى