چېن تيەنچيۇ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
چېن تيەنچيۇ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خوۋاڭگاڭ ناھىيىسىدىن بولۇپ، 1896 - يىلى تۇغۇلغان. ئۇ خۇبېي كوممۇنىستىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەشەببۇسچىلىرى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋۇجەن يەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جىياڭسۇ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇنجژ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، مانجۇرىيە ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، فۇجىيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق خەلق كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. 1939 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولىدۇ. 1942 - يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. 1943 - يىل 72 - سېنتەبىردە شېڭ شىسەي تەرىپىدىن شىنجاڭ تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.
(بۇ ماتېرىيال1983 - يىلى 4 - ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان<شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىنقىلابىي قۇربانلار تەرجىمھالى> دېگەن كىتابتىن ئېلىندى).