خۇڭ شيۇچۈەن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
خۇڭ شيۇچۈەن (1814 −1864 - يىللار) يېقىنقى زامان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى، تەيپىڭ تيەنگونىڭ تيەنۋاڭى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇاشيەن ناھىيىسىدىن. ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق مەزگىللىرىدە كلاسسىك كىتابلارنى بېرىلىپ ئوقۇغان. ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئەمەلدار بولۇشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، ئۈچ قېتىم ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمىگەن. ئەپيۈن ئۇرۇشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى چىرىكلىشىپ ساتقۇنلۇق قىلىپ، مىللەتنى ئاپەتكە، خەلقنى قاتتىق ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار قىلغان. بۇ خىل ۋەزىيەت خۇڭ شيۇچۈەندە كۈچلۈك قارشىلىق كەيپىياتىنى قوزغىغان.1843 - يىلى خۇڭ شيۇچۈەن خرىستىئان دىنىنى مەدھىيىلەيدىغان «ئەلگە نەسىھەت ھېكمەتلىرى» دېگەن كىتابنىڭ تەسىرىدە، فېڭ يۈنشەن بىلەن بىللە تەڭرىگە بەيئەت قىلغۇچىلار جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، رېئال جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشكە ئىرادە باغلىغان. ئۇ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ «تەرىقەت يولى ئارقىلىق ئەلنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە قوشاق»، «تەرىقەت يولى ئارقىلىق ئەلنى ئويغىتىش ھەققىدە پەند - نەسىھەت» قاتارلىق دېھقانلار ئىنقىلابىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئەسەرلەرنى يازغان ھەمدە پائال ئەزا قوبۇل قىلىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلغان.1851 - يىل1 - ئاينىڭ11 - كۈنى، ئۇ گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ گۈيپىڭ ناھىيىسى جىنتيەن كەنتىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، قوزغىلاڭنىڭ نامىنى تەيپىڭ تيەنگو دەپ ئاتىغان.9 - ئايدا، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يۇڭئەندە ئۆزىنى تيەنۋاڭ دەپ ئاتاپ، تۇنجى ھاكىمىيەتنى قۇرغان. ئاندىن كېيىن شىمالغا يۈرۈش قىلىپ،1853 - يىلى1 - ئايدا ۋۇچاڭغا،3 - ئايدا نەنجىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، قوشۇنىنى500 مىڭ كىشىگە يەتكۈزگەن. نەنجىڭنى پايتەخت قىلىپ، نامىنى تيەنجىنگە ئۆزگەرتكەن. ئۇ ھەرقايسى جايلاردا يەرلىك ھاكىمىيەت قۇرۇپ، «تەيپىڭ تيەنگونىڭ يەر تۈزۈمى» نى ئېلان قىلىپ، «يەرنى تەڭ تېرىش، تاماقنى تەڭ يېيىش، كىيىمنى تەڭ كىيىش، پۇلنى تەڭ خەجلەش، ھېچقانداق يەردە تەڭسىزلىك بولماسلىق، ھېچقانداق ئادەم ئاچ - يالىڭاچ قالماسلىق» تەك غايىۋى جەمئىيەت قۇرۇش پىلانىنى تۈزگەن. شىمالغا ۋە غەربكە ھەربىي يۈرۈش قىلغان.1856 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندە، تەيپىڭ تيەنگو خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شەرقىنى، جياڭشى، ئەنخۇينىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى كونترول قىلغان، تيەنجىڭنى سىرتتىن قورشاپ تۇرغان چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبتىكى ۋە شىمالىدىكى ھەربىي بازىسىنى تارمار قىلىپ ھەربىي جەھەتتە گۈللەنگەن مەزگىلگە قەدەم قويغان. خۇڭ شيۇچۈەن غەلىبە ئالدىدا چۈشكۈنلىشىشكە باشلىغان. ئۇ فېئودال پادىشاھلاردەك كاتتا ئوردىلارنى سالدۇرۇپ، كۈنلىرىنى كەيپ - ساپا، ئەيش - ئىشرەتتە ئۆتكۈزگەچكە، بارا - بارا ئاممىدىن ئايرىلىپ قالغان.1856 - يىلىدىكى «ياڭ (شيۇچىڭ) - ۋېي (چاڭخۇي) ۋەقەسى» ۋە كېيىنكى يىلى يۈز بەرگەن شى داكەينىڭ قېچىپ كېتىش ۋەقەسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالماي، تەيپىڭ تيەنگونىڭ كۈچىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن. خەتەرلىك ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن، ئۇ ئوردا ئىشلىرىنى ئۆز قولى بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، چىن يۈچىڭ، لى شيۇچىڭ قاتارلىق ياشلارنى سەركەردىلىككە ئۆستۈرۈش، خۇڭ رېنگەننى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش ئارقىلىق، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى پاسسىپ ۋەزىيەتنى بىر مەزگىل ئوڭشىۋالغان.1860 - يىلىدىكى2 - قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئەكسىيەتچى كۈچلەر ئاشكارا تىل بىرىكتۈرۈپ، تەيپىڭ تيەنگونى بىرلىكتە باستۇرغان. خۇڭ شيۇچۈەن ئۆزىنىڭ غايىسىگە قەتئىي ئىشەنچ باغلاپ، تەيپىڭ ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ دۈشمەن بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقان. ئەنچىڭ، سۇجۇ، خاڭجۇ قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك جايلار قولدىن كېتىپ تيەنجىڭ مۇھاسىرىدە قالغان ھالقىلىق پەيتتە، تيەنجىڭدىن چېكىنىپ چىقىش تەكلىپىنى رەت قىلىپ، شەھەرنى ساقلاپ قالماقچى بولغان.1864 - يىلى، تيەنجىڭ شەھىرىدە ئاشلىق ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمىگەندە، ئۇ باش بولۇپ ياۋا ئوت - چۆپلەرنى يەپ، جەڭچىلەرنى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغان.6 - ئاينىڭ3 - كۈنى، تيەنجىڭ قولدىن كېتىش ئالدىدا خۇڭ شيۇچۈەن كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن.