UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىشۈەن يې

شۈەن يې

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى شۈەن يې (1654 −1722 - يىللار) ئېلىمىزنىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ داڭلىق پادىشاھى. فامىلىسى ئەيشىن جۆلو، مىللىتى مانجۇ، چى شىزۇنىڭ ئوغلى. ئۇ سەككىز يېشىدا تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، يىلنامىسى كاڭشى بولۇپ، ئادەتتە پادىشاھ كاڭشى دەپ ئاتىلىدۇ. شۈەن يې تەختكە چىققاندا، ئاۋبەي قاتارلىق تۆت ۋەزىر نايىپلىق قىلغان. ئاۋبەي شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەپ گۇرۇھۋازلىق قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قول تىقىۋېلىپ، كاڭشىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئەمدىلا16 ياشقا كىرگەن شۈەن يې قىلتاق قۇرۇپ ئاۋبەينى تىرىك قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە ئۇنى ئەمىلىدىن قالدۇرۇپ، زىندانغا تاشلىغان، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىمۇ قەتل قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي قابىلىيىتىنى نامايان قىلغان. مانجۇلار ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ، شۈەن يې خەنزۇ زىيالىيلىرىنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن، قائىدىنى بۇزۇپ «پاساھەتلىك ئىلمىي ماقالە يېزىش» ۋە«ئىقتىساد» قاتارلىق ئەمەل ئىمتىھانى پەنلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئالىم - ئۆلىمالارنى ئەتراپىغا توپلىغان. ئىدىيە جەھەتتىكى ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۇ يەنە يېزىق جىنايىتى دېگەن جىنايەت نامىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاساسىي ئېقىمدىن چەتنەپ كەتكەن، گۇمانلىق نەرسىلەرنى يازغان زىيالىيلارنى قاتتىق باستۇرغان. ئۇ فېئودال ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان، خەلقنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتكەن. بوز يەر ئاچقانلارنى تارتۇقلاپ، سابىق مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋاسسال بەگلەرنىڭ يەرلىرىنى ئەينى چاغدىكى تېرىقچىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەن يىللىرى باج - سېلىقنى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلغان. كاڭشىنىڭ50 - يىلى (1711 - يىلى) دىن باشلاپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا باج - سېلىقنى نۆۋەت بىلەن بىر قېتىمدىن كەچۈرۈم قىلغان. كېيىنكى يىلى، يەنە نوپۇس كۆپەيسە، «باج - سېلىقنىڭ مەڭگۈ قوشۇلمايدىغانلىقى» نى جاكارلىغان. خۇاڭخې دەرياسىنى تىزگىنلەشنى ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىدا تۇتۇپ، ئۇنىڭغا دائىر ئىشلارنى ئوردىدىكى تۈۋرۈكلەرگە ئويدۇرغان، جىڭ فۇنى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ باش تەپتىشى قىلىپ ئەۋەتىپ، ئۇدا12 يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئاخىر دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ تەدبىرلىرى «كاڭشى - چيەنلۇڭ دەۋرىدىكى گۈللىنىش» كە ئاساس سېلىپ بەرگەن. شۈەن يې ئىچكى قىسىمدىكى توپىلاڭنى تىنچىتىش ۋە چارروسىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاجايىپ تۆھپىلەرنى ياراتقان.1674 - يىلى، ۋۇ سەنگۇي باشچىلىقىدىكى ئۈچ ۋاسسال بەگ توپىلاڭ كۆتۈرگەندە، شۈەن يې سەككىز يىل جازا يۈرۈشى قىلىپ ئۇرۇشۇش ئارقىلىق، ئاخىر ئۈچ ۋاسسال بەگنىڭ بۆلگۈنچى كۈچلىرىنى يوقاتقان.1683 - يىلى، باش سانغۇن شى لياڭنى دېڭىز ئارمىيىسىنى باشلاپ پېڭخۇغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، تەيۋەندىكى جېڭ كې گۇرۇھىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلغان. كېيىنكى يىلى، ئۇ تەيۋەندە بىر مەھكىمە، ئۈچ ناھىيە تەسىس قىلىپ، تەيۋەننى يېڭىۋاشتىن مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، شەرقىي جەنۇبى دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ چېگرا مۇداپىئىسىنى مۇستەھكەملىگەن. ئۇيرات موڭغۇل بۆلگۈنچى كۈچلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن،1690 - يىلى،1696 - يىلى ۋە1697 - يىلى ئۈچ قېتىم ئۆزى شەخسەن قوشۇن تارتىپ، ئۇلانبۇتۇڭ، چاۋمودو قاتارلىق جايلاردا كۆپ قېتىم غەلىبىلىك جەڭ قىلىپ، غالدان توپىلىڭىنى تىنچىتقان.1718 - يىلى، يەنە شىزاڭغا ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىكى توپىلاڭچى كۈچلەرنى يوقاتقان. شىمالدىكى چېگرا رايونلاردا، چارروسىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنىغا قايتۇرما زەربە بېرىپ، ياكسادا ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغان.1698 - يىلى، نېرچىنسكىيدا چارروسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، «تېرچىنسكىي شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، جۇڭگو بىلەن روسىيىنىڭ شەرقتىكى چېگرىسىنى ئېنىق بەلگىلىگەن. تۆھپىكار پادىشاھ شۈەن يې كېسەللىك سەۋەبىدىن68 يېشىدا بېيجىڭدا ۋاپات بولغان، ئۇ تارىختا چىڭ شېڭزۇ دەپ ئاتالغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى
شۈەن يې | UyghurWiki | UyghurWiki