UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىتى يىڭ

تى يىڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، چىن سۇلالىسىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئىنتايىن قاتتىق ئىدى. كىشىلەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلسىلا، تەن جازاسىغا ئۇچرايتتى. تەن جازاسى جىنايەتچىنىڭ يۈزىگە خەت ياكى بەلگە چېكىش جازاسى، بۇرنىنى كېسىۋېتىش جازاسى، پۇتىنى چېپىۋېتىش جازاسى قاتارلىق ئۈچ خىل جازانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر تەن جازاسىغا ئۇچراش تۈپەيلىدىن ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ قالغانىدى. خەن ۋېندى دەۋرىدە تەن جازاسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بۇ قەيسەر، ئىرادىلىك قىزچاق تى يىڭنىڭ تۆھپىسى. تى يىڭنىڭ ئەسلىي ئىسمى چۇن يۈ بولۇپ، لىنزەي (ھازىرقى شەندۇڭنىڭ زەيبو دېگەن يېرى)دىن. ئۇنىڭ ئاتىسى چۇن يۈيى داڭلىق دوختۇر بولۇپ، مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس كېسەللەرنى داۋالىيالايتتى، ئىلگىرى تەيساڭ ناھىيىسىنىڭ ئامبىلى بولغانىدى. بىر قېتىم، چۇن يۈيى بىر چوڭ سودىگەرنىڭ ئايالىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ، دورا بەرگەن بولسىمۇ، كېسىلى شىپا تاپالماي، بىرنەچچە كۈندىلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇ سودىگەر ئايالىمنى خاتا داۋالاپ ئۆلتۈرۈپ قويدى دەپ ئوردىغا ئەرز قىلغاندا، بىر يەرلىك مەنسەپدار چۇن يۈيىنى تەن جازاسىغا بۇيرۇيدۇ. ئۇ ئىلگىرى ناھىيە ئامبىلى بولغان بولغاچقا، قانۇن بويىچە پايتەخت چاڭئەنگە يالاپ ئېلىپ بېرىپ، ئىككى پۇتىنى كېسىش جازاسى بەرمەكچى بولىدۇ. چۇن يۈيىنىڭ بەش قىزى بولۇپ، شۇ يىلى ئۆينىڭ كىچىكى بولغان تى يىڭ ئەمدىلا11 ياشتا ئىدى. چۇن يۈيى يالاپ ئېلىنغان كۈنى، ئۇنىڭ قىزلىرى ئاتىسى بىلەن يىغلىغىنىچە خوشلىشىدۇ. چۇن يۈيى ئاھ ئۇرغىنىچە: «قىز بالا دېگەن نېمىمۇ قىلىپ بېرەلىسۇن، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ھېچقايسىسى قۇتۇلدۇرالمايدىكەن!» دېگەندە، تى يىڭ ناھايىتى ئازابلىنىدۇ ۋە غەزەپلىنىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە چاڭئەنگە بېرىپ، ئاتىسىنىڭ جەبىر - زۇلۇمىنى تەڭ كۆرۈش نىيىتىگە كېلىدۇ. تى يىڭ يول بويى دالىدا يېتىپ - قوپۇپ، ئاتىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئاخىر چاڭئەنگە يېتىپ بارىدۇ. چۇن يۈيى زىندانغا تاشلىنىپ، جازانى كۈتۈشكە بۇيرۇلىدۇ. تى يىڭ خان ئوردىسى دەرۋازىسى ئالدىغا بېرىپ، جاھىللىق بىلەن «پادىشاھ بىلەن كۆرۈشىمەن» دەپ تۇرۇۋالىدۇ، لېكىن ئوردا ياساۋۇللىرى ئۇنى ئوردىغا كىرگۈزمەيدۇ. تى يىڭ تىت - تىت بولۇپ، ئاخىر بىر پارچە خەت يېزىپ، ياساۋۇللاردىن خەتنى خەن ۋېندىغا ئەكىرىپ بېرىشنى ئۆتۈنىدۇ. خەن ۋېندى بىر كىچىك قىزدىن ئۆزىگە خەت كەلگەنلىكىنى بىلىپ ناھايىتى ئەجەبلىنىدۇ ھەمدە خەتنى ئوقۇيدۇ. خەتتە مۇنداق يېزىلغانىدى: «ھۆرمەتلىك پادىشاھ ئالىيلىرى: ئاتام جىنايەت ئۆتكۈزگەنىدى، ئاڭلىسام ئۇ تەن جازاسىغا ئۇچرايدىكەن. مەن ئاتام ئۈچۈن ئازابلىنىپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن ئازابلىنىۋاتىمەن. ئادەمنىڭ بۇرنى، پۇتى كېسىۋېتىلسە، قايتا ئۆسۈپ چىقالمايدۇ؛ بۇنداق كىشىلەر كېيىن ياخشى ئادەم بولۇشنى ئويلىسىمۇ، مېيىپ بەدىنى يار بەرمەيدۇ. مەن ئاتامنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭ گۇناھىنى يۇيۇشنى خالايمەن، مېنى ئوردىغا قۇل قىلىپ، ئاتام ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان باشقىلارغا تەن جازاسى بەرمىگەن بولسىلا.» خەن ۋېندى خەتنى ئوقۇپ ناھايىتى تەسىرلىنىدۇ ھەمدە تەن جازاسىنىڭ ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، تەن جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، يالغۇز چۇن يۈيىلا جازادىن قۇتۇلۇپ قالماي، بەلكى جىنايەت ئۆتكۈزگەن باشقا كىشىلەرمۇ تەن جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى