گۇاڭلۇ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
شىبە، 1895 - يىلى تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى رۇسچە مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيدۇ. 1930 - يىللىرى، نەنجىڭدىكى شىنجاڭ باشقارمىسىدا ئىشلەيدۇ. 1932 - يىلى گومىنداڭنىڭ قانۇن پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ. 1933 - يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىدۇ. 1935 - يىلى جۇڭگونىڭ تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى بولىدۇ. 1937 - يىلى شېڭ شىسەي ئۇنى قولغا ئالىدۇ. 1944 - يىلى تۈرمىدىن چىقىپ غۇلجىغا بارىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى گۇاڭلۇ، تەلئەت مۇسابايوۋ، ئىلىياس (خۇيزۇ) لارنى تىكەس، توققۇز تارا قاتارلىق جايلارغا تەشۋىقات ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئەۋەتىدۇ. گۇاڭلۇ بۇ ناھىيىلەردىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى ئېلىپ، تەلئەت مۇسابايوۋ، ئىلىياسلار بىلەن بىرگە يۇلتۇز ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە قېچىپ كېلىپ ئۈچ ۋىلايەت ئەھۋالىدىن جاڭ جېيشىغا مەلۇمات يوللايدۇ. جاڭ جېيشى ئۇنى مۇكاپاتلايدۇ ۋە ئۆلكىلىك شېخۇيجۇغا مەسئۇل قىلىدۇ. 1946 - يىلى نەنجىنگە بارىدۇ. ئازادلىق ئۇرۇش ۋاقتىدا، تەيۋەنگە قېچىپ كېتىدۇ. ئۇ 1973 - يىلى تەيۋەندە ئۆلىدۇ.