UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىلى داجاۋ

لى داجاۋ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى لى داجاۋ (1889 −1927 - يىللار)، تەخەللۇسى شۇچاڭ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ يۆتىڭ ناھىيىسىدىن. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئىنتايىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تۈرلۈك يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلىگەن، ۋەتەننى، مىللەتنى قۇتقۇزىدىغان ھەقىقەتنى تېپىش يولىدا تىرىشىپ ئىزدەنگەن .24 يېشىدا ياپونىيىگە بېرىپ، ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسىي كەسپى بويىچە باكالاۋرلىقتا ئوقۇپ، ماركسىزم تەتقىقاتىغا كىرىشكەن.1916 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بېيجىڭدا چىقىدىغان «سەھەر قوڭغۇرىقى گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى پروفېسسورى، قوشۇمچە كۇتۇپخانىنىڭ مۇدىرى ۋە «يېڭى ياشلار» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولغان ھەمدە «ھەپتىلىك ئوبزور»، «ياش جۇڭگو» قاتارلىق ژۇرناللارنى چىقىرىپ ماركسىزمنى تەشۋىق قىلىپ، جۇڭگودا ئەڭ بۇرۇن ماركسىزمنى تارقاتقۇچى بولۇپ قالغان.1917 - يىلى روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، «فرانسىيە ئىنقىلابى بىلەن روسىيە ئىنقىلابىنى سېلىشتۇرۇش» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو خەلقىگە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ سوتسىيالىستىك خاراكتېرىنى تۇنجى قېتىم توغرا شەرھلەپ بەرگەن. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ يەنە «يېڭى ياشلار» ژۇرنىلىدا «ئاۋام خەلقنىڭ غەلىبىسى» ۋە «بولشېۋىزمنىڭ غەلىبىسى» دېگەن ئىككى پارچە ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ،1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى جاھانگىرلىكنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى مەدھىيىلىگەن، ماركسىزم، لېنىنىزمنى تەشۋىق قىلغان.1919 - يىلى4 - ماي ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، «سەھەر گېزىتى» نىڭ قوشۇمچە سانىدا «ماركسىزم تەتقىقاتى» ناملىق مەخسۇس سەھىپە ئاچقان ھەمدە «يېڭى ياشلار» ژۇرنىلىدا «مېنىڭ ماركسىزملىق قارىشىم» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىلىرىنى بىرقەدەر سىستېمىلىق تونۇشتۇرغان.1920 - يىلى1 - ئايدا، لى داجاۋ چېن دۇشيۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، شىمال بىلەن جەنۇبتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغان.3 - ئايدا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ماركسىزم تەلىماتى تەتقىقات ئۇيۇشمىسى» قۇرغان؛9 - ئايدا يەنە بېيجىڭ كوممۇنىزمچىلار گۇرۇپپىسىنى قۇرغان؛ ئۇ يەنە ھەرقايسى جايلاردا كوممۇنىزمچىلار گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا قاتنىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە قۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن تەشكىلىي خىزمەت ئىشلىگەن.1921 - يىلى7 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ شىمالىي رايوننىڭ پارتىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، شىمالىي رايوننىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتىگە ۋە ئاممىۋى ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغان، پارتىيە2 -،3 -،4 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ1922 - يىلىدىن باشلاپ گومىنداڭنىڭ زۇڭلىسى سۇن جۇڭشەن ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. ئۇ جاپا چېكىشتىن قورقماي تۆت قېتىم چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، شاڭخەيگە ئۈچ قېتىم، گۇاڭجۇغا ئىككى قېتىم بېرىپ، سۇن جۇڭشەننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىش، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىش، ئىشچى، دېھقانلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت ئۈچ بۈيۈك سىياسەتنى ئورنىتىشىغا ياردەم بەرگەن ھەمدە گومىنداڭنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش خىزمىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان.1924 - يىلى1 - ئايدا، گومىنداڭنىڭ مەملىكەتلىك1 - قۇرۇلتىيىدا، ئۇ كومپارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ۋاكالىتەن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ5 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان.1927 - يىلى4 - ئايدا، لى داجاۋ سوۋېت روسىيىسىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدا مىلىتارىست جاڭ زولىن تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.1927 - يىل4 - ئاينىڭ28 - كۈنى، دۈشمەننىڭ جازا مەيدانىدا: «سىلەر مېنى ئۆلتۈرگىنىڭلار بىلەن، كوممۇنىستلارنى ئۆلتۈرۈپ بولالمايسىلەر» دەپ توۋلىغىنىچە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى
لى داجاۋ | UyghurWiki | UyghurWiki