UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىسادۇچىن

سادۇچىن

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى شىبە، 1885 - يىلى تۇغۇلغان. ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن ئىلى كۈرە مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1903 - يىلى چىڭ ئوردىسى ئۇنى ئالما - ئاتاغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. 1910 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىلىغا قايتىپ كەلگەن ۋە داۋشېڭ يىڭخاڭ (رۇس خىتايىسىكى غالىبىيەت بانكىسى) دا تەرجىمان بولغان. 1914 - يىلى داۋشىڭ بانكىسىدىن پۇل قەرىز ئېلىپ غۇلجىدا چاڭ شۇ جۇڭ سودا شىركىتى قۇرىدى. 1919 - يىلى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ ياڭ زېڭشىنگە رۇسچە تەرجىمان بولىدۇ. 1926 - يىلى ئالما - ئاتادا تۇرمۇشلۇق جۇڭگو كونسۇلى قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. 1928 - يىلى رۇسىيە ھۆكۈمىتى خۇسۇسىي سودىغا سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ باغاندا، روسىيەدە سودا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى دىپلوماتىيە يولى بىلەن قوغداپ، سودىگەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىنى شىنجاڭغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ. 1929 - يىلى خىزمەت ۋاقتى توشۇپ قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ روسىيەدىن غۇلجا، تاباغاتايغا كېلىدىغان جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. 1934 - يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئىلى دەرياسىدا پاراخوت قاتناش سۆھبىتى ئۈچۈن موسكۋاغا ئەۋەتىلىدۇ. 1935 - يىلى جۇڭگونىڭ ئەنجاندا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. 1937 - يىلى شېڭ شىسەي ئۇنى قاماققا ئېلىپ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. 1944 - يىلى تۈرمىدىن چىقىپ غولجىغا بېرىپ، شىبە تىلىدا نەشر قىلىنغان «ئازادلىق ئاۋاز» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1949 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشىنىڭ دائىمى ھەيئىتى بولىدۇ. 1960 - يىلى ۋاپات بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى