ۋاڭ فۇجى
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا بىر مۇتەپەككۇر ئۆتكەن بولۇپ، ئەينى چاغدا ئانچە نام چىقارمىغان، بىرنەچچە يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىنلا، ئاندىن زور داڭق چىقارغان. بۇ مۇتەپەككۇر دەل خۇاڭ زۇڭشى، گۇ يەنۋۇ قاتارلىقلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ۋاڭ فۇجىدۇر.
ۋاڭ فۇجى (1619 −1692 - يىللار) خۇنەننىڭ خېڭياڭ دېگەن يېرىدىن. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا خۇنەننىڭ غەربىدىكى شىچۇەنشەن تېغى باغرىدا ياشىغان بولغاچقا، ئالىملار ئۇنى چۇەنشەن ئەپەندى دەپ ئاتىغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، ئۇ ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، خەتمەكەردە بولغان. چىڭ قوشۇنى جەنۇبقا بېسىپ كىرگەندە، ئۇ خۇنەننىڭ خېڭشەن دېگەن يېرىدە ئەسكەر توپلاپ چىڭ قوشۇنلىرىغا قارشى جەڭ قىلغان. جەڭدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جەنۇبىي مىڭ ھاكىمىيىتىنى پاناھ تارتىپ، ئۇ يەردە پەرمان مەھكىمىسىنىڭ پەرمانچىسى بولغان. جەنۇبىي مىڭ ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ۋاڭ فۇجى خۇنەننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ياۋزۇ تاغلىق رايونىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن، كېيىن يەنە شىچۇەنشەن تېغى باغرىدا گەمە ياساپ، شۇ يەردە تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاپ،40 يىل ئەسەر يازغان. بۇ مەزگىلدە، ۋاڭ فۇجى ئىنتايىن جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەن، كېرەكسىز قەغەزلەرنى يىغىپ كېلىپ، ماقالە قەغىزى ئورنىدا ئىشلەتكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ، ۋاڭ فۇجى100 پارچىدىن ئارتۇق،8 مىليون خەتلىك ئەسەر يېزىپ، بىزگە قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق مىراس قالدۇرغان.
ۋاڭ فۇجى پەلسەپە جەھەتتە جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى ساددا ماتېرىيالىزملىق ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ ئېدىئالىزملىق ئىدىيىسىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ كائىناتتىكى مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى «ھاۋا» دەپ ئاتىلىدىغان ماددىدىن تۈزۈلگەن، ھەرگىزمۇ سۇبيېكتىپ ئاڭ ئارقىلىق مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، دەپ قارىغان. بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە، ئۇ بىلىش ئەمەلىيەتتىن ئايرىلالمايدۇ، دەپ قارىغان ھەمدە ئەمەلىيەت بىرىنچى دەيدىغان نۇقتىئىنەزەردە چىڭ تۇرغان. مەسىلەن، ئۇ: شاھمات ئويناشنى ئۆگىنىۋېلىش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئوينىشىغا قاراپ ئۆگىنىش ئەسقاتمايدۇ، ئۆزى باشقىلار بىلەن ئويناپ ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزگەندىلا، ئاندىن تەدرىجىي ئۆگىنىۋالالايدۇ، دەپ قارىغان. ۋاڭ فۇجى ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيىلەر ساددا دىئالېكتىكا ئىدىيىسىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ كائىناتتىكى تۈرلۈك - تۈمەن شەيئىلەر كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، ھەرىكەت قىلىپ ۋە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، جەمئىيەت تارىخىمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئاتالمىش «مەڭگۈ ئۆزگەرمەس»، «تەلىماتى» مەۋجۇت ئەمەس، دەپ قارىغان. ۋاڭ فۇجى فېئودال پادىشاھلىق مۇستەبىت تۈزۈمىگە قەتئىي قارشى تۇرغان ھەمدە يەر - زېمىن پادىشاھلارنىڭ شەخسىي مۈلكى ئەمەس، بەلكى ئۇ دېھقانلارنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇشى كېرەك، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ تەلىماتلىرى جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان دېموكراتىك ئىنقىلابىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.
ۋاڭ فۇجى تاكى ئالەمدىن ئۆتكۈچە، چېچىنى باشتىن - ئاخىر چىڭ سۇلالىسىنىڭ پەرمانى بويىچە ياساتمىغان. ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى، قەبرە تېشىغا «مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارى ۋاڭ xx نىڭ قەبرىسى» دېگەن خەتنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ مىڭ سۇلالىسىگە بولغان چەكسىز ساداقىتى ۋە ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدىغان ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن.