UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىياڭ زەنشۈ

ياڭ زەنشۈ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى ياڭ زەنشۈ ياڭ شۇجۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، لەقىمى ياڭ چوقۇر ئۇنىڭ يۇرتى خۇبىي، ياپونىيەدە ئوقۇغان، ۋۇخەندە خىزمەت قىلغان، تۇڭمېڭخۇي تەشكىلاتىغا قاتناشقان، ئىنقىلابىي پارتىيە ئەزالىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت قىلغان. ياڭ زەنشۈ بىلەن ئىنقىلابىي ھېسسىياتتىكى فىڭ تېمىن، لى ياچۈەنلەر ئىلىغا بىرگە كەلگەن. بۇلار ئىلىغا كەلگەندىن كېيىن، ئىنقىلابىي پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. 1909 - يىلى (شەنتۇڭنىڭ 1 - يىلى) 10 - ئايدا ياڭ زەنشۈ قاتارلىقلار شەنشى، گەنسۇلۇقلارنىڭ يېڭى مەسچىتى (خۇيزۇ مەسچىتى) دە دۆلەتكە ئىئانە توپلاش چوڭ يېغىنى ئېچىپ ياڭ زەنشۈ نۇتۇق سۆزلەپ، خەلق ھېسسىياتىنى ئويغىتىدۇ، نۇرغۇن ئىئانە توپلايدۇ. فىڭ تېمىن قاتارلىقلار ئىلىدا گېزىت چىقىرىپ، تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. ياڭ زەنشۈلەر 1911 - يىلى 10 - ئايدا ئۈرۈمچىدە ليۇشەنجۇننىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، خەلقنىڭ چىڭ ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزىپىنى كۆرۈپ، 1911 - يىلى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى (كونا ئاي ھېسابىدا) قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، جاڭ جۈنجۈن مەھكىمىسىنى ئىشغال قىلىدۇ. بۇئىنقىلابقا ئىلىدىكى ھېكىمىبەگ غوجا، چوڭ سودىگەر ياقۇپ باي ۋە خېلى كۆپ ئۇيغۇر باي سودىگەرلەر، خۇيزۇلاردىن سەئىد، ماشىڭلۇڭ، سوۋېت پۇقراسى يۇشۇنچۇەن، گېلاۋخۇي باشلىقلىرىدىن شۇي سەنتەيلەرمۇ قاتنىشىدۇ. ئىلى قوزغىلىڭىدىن خەۋەر تاپقان ئۆلكە ئەمىرى، باش مۇپەتتىش يۈەن داخۇا قەشقەر ۋالىسى (دوتەي) يەن خۇڭيۈينى شىنجاڭ دۇدۇلىقىغا مەلۇم قىلىپ، ئۆزى ئىچىكىرىگە كەتمەك بولىدۇ. يەن خۇڭيۈي 200 مىڭ سەر كۈمۈشنى ئېلىپ، ئۆلكىگە قاراپ يولغا چىققاندا، گېلاۋخۇي ئادەملىرى يەن خۇڭيۈينى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. يۈەن داخۇا ئىچكىرىگە كېتىپ، ياڭ زېڭشىڭنى شىنجاڭنىڭ يېڭى تۇتۇقلۇقىغا تەيىنلەيدۇ. 1912 - يىلى (مىنگونىڭ 1 - يىلى) 5 - ئايلاردا ئىلى، ئۈرۈمچى تەرەپ ۋەكىللىرى چۆچەككە بېرىپ، يىغىن ئاچىدۇ، ئۈرۈمچى تەرەپ 11 ماددىلىق تەلەپ قويىدۇ ۋە ئىلىنىڭ ئۈرۈمچىگە تەۋە بولۇش تەلىپىنى قويىدۇ. ئىلى تەرەپ ئۈرۈمچىنىڭ ئىدارە قىلىشىغا قوشۇلمايدۇ. ياڭ زېڭشىن خىزمەت تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىلى ئىنقىلابىي پارتىيە ئەزالىرىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن تارقىۋېتىدۇ. ياڭ زەنشۈ قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي رۇسىيە ئارقىلىق يۇرتىغا كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىلى ياڭ زېڭشىننىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتۈپ، ئىلى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ مېۋىسى ياڭ زېڭشىننىڭ قولىغا قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى
ياڭ زەنشۈ | UyghurWiki | UyghurWiki