UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىگۈەن جۇڭ

گۈەن جۇڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى686 - يىلى، چى بەگلىكىنىڭ بېگى چى شياڭ ھەزرەت باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئىنىسى شاھزادە شياۋ بەي باۋ شۇيانىڭ ھىمايىسىدە، لۇ بەگلىكىدىن چى بەگلىكىگە بەگ بولۇشقا ئالدىراپ كېتىۋاتقاندا، گۈەن جۇڭ (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى ? −645 - يىللار) ئۇنى توسۇۋالىدۇ. گۇەن جۇڭنىڭ ئاتقان يا ئوقى ئۇنىڭ ساۋۇتىنىڭ ئىلمىكىگە تېگىدۇ. شياۋ بەي ئوق تەگكەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، تۇيدۇرماستىن چى بەگلىكىنىڭ ئاستانىسىگە بېرىپ، چى بېگى، يەنى چى بەگلىكىدىكى خۇەنگۇڭ ھەزرەت بولىدۇ. گۇەن جۇڭ گۇەن يىۋۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چى بەگلىكىنىڭ يىشاڭ دېگەن يېرىدىن بولۇپ، ئەمىنىيە دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر سىياسىيون. ئۇ بالىلىق چاغلىرىنى نامراتلىقتا ئۆتكۈزگەن، ھۆپىگەرلىك قىلغان، جايلارنى كېزىپ يۈرۈپ مول ئىجتىمائىي تەجرىبىلەرنى توپلىغان، كېيىن گۇڭ زىجيۇغا ئەل بولغان. باۋ شۇيا گۇەن جۇڭنىڭ قەددىناس دوستى بولغاچقا، گۇەن جۇڭنى خۇەنگۇڭ ھەزرەتكە تونۇشتۇرىدۇ. خۇەنگۇڭ ھەزرەت گۇەن جۇڭنىڭ قابىلىيىتىنىڭ باشقىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، «ئەنت ئوقىغا پىسەنت قىلماي»، سەمىمىيلىك بىلەن ئۇنى ۋەزىرلىككە قويۇپ، ھۆرمەتلەپ «جۇڭ ئاتا» دەپ ئاتاپ، چى بەگلىكىنى ئىدارە قىلىشنى ئۇنىڭغا خاتىرجەم تاپشۇرىدۇ. گۇەن جۇڭ چى بەگلىكىدە كۆپلىگەن ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ قىسمەن جايلاردا ئادەم بېشىغا قاراپ باج ئېلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، «يەرگە قاراپ باج ئېلىش» قا، يەنى باجنى يەرنىڭ ياخشى - يامانلىقىغا قاراپ ئېلىش، ئالۋان - ياساقنى مۇۋاپىق ئېلىش، ئۆي ھايۋانلىرىنى تارتىۋېلىشقا يول قويماسلىقتەك تۈزۈملەرنى يولغا قويىدۇ. ئۇ كىشىلەرنى بىنەم ئېچىش، تۇز ئىشلەش، مېتال تاۋلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، مېتال پۇل قۇيۇپ، مال باھاسىنى تەرتىپكە سالىدۇ. مەمۇرىي جەھەتتە، چى بەگلىكىدىكى ئوقۇمۇشلۇقلار، تۆرىلەر، دېھقانلار، ئىشلەمچىلەر، ھۈنەرۋەنلەر ۋە سودىگەرلەرنى رايونلار بويىچە رويخەتكە ئېلىپ، باشقۇرۇشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، بەگلىكنى ئالتە ھۈنەر - سودا رايونى ۋە15 ئوقۇمۇشلۇقلار، دېھقانلار رايونىدىن ئىبارەت21 رايونغا ئايرىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە بەش ئائىلىنى بىر ئوم، بەش يېزىنى بىر قوشۇن قىلىپ ئايرىپ، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيدىغان15 ئوقۇمۇشلۇقلار - دېھقانلار يېزىسىنى ئۈچ قوشۇن قىلىدۇ، ھەر قوشۇندا10 مىڭ ئەسكەر بولىدۇ، ئەسكەرنى پۇقرا ئىچىدە قويۇپ، ئەسكەر بىلەن پۇقرانى بىرلەشتۈرۈپ، بەگلىكنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا، چى بەگلىكىنىڭ دۆلەت كۈچى پەيدىنپەي قۇدرەت تاپىدۇ. گۇەن جۇڭ جۇ تيەنزىنىڭ سىياسىي ئورنىنىڭ بارا - بارا تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى، شىمالدىكى يايلاق مىللەتلىرى (كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر)نىڭ بەزى كىچىك بەگلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چى بېگى خۇەنگۇڭ ھەزرەتكە ھەمدەم بولۇپ «شاھنى ھۆرمەتلەپ بەدەۋىلەرگە قارشى تۇرۇش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بەگلىكلەر بىلەن بىرلىشىپ جاھاننى ئىدارە قىلىپ، خۇەنگۇڭ ھەزرەتنىڭ بەگلىكلەر ئىچىدىكى ئورنىنىڭ كۈنسېرى ئۆرلىشىگە ھەمدە ئەمىنىيە دەۋرىدىكى تۇنجى ھاكىمبەگ بولۇپ قېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. گۇەن جۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن، خۇەنگۇڭ ھەزرەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىمۇ ئاستا - ئاستا زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى