خۇاڭ زۇڭشى
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
مىلادىيە1629 - يىلى،19 ياشلىق بىر يىگىت مىڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بېيجىڭدا دۇڭلىن پىرقىسىدىكى ئۇۋاللىققا ئۇچرىغان دادىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىگىز تىقىپ رەقىبىنى يارىلاندۇرۇپ، پايتەختتىكىلەرنى بىر مەھەل ساراسىمىگە سالغان. بۇ يىگىت دەل مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر ۋە ئالىم خۇاڭ زۇڭشىدۇر.
ئالىملار ئادەتتە خۇاڭ زۇڭشى (1610 −1695 - يىللار)نى لى جۇ ئەپەندى دەپ ئاتىشاتتى، ئۇ جېجياڭنىڭ يۈياۋ دېگەن يېرىدىن. دادىسى خۇاڭ زۇنسۇ دۇڭلىن پىرقىسىدىكى مەشھۇر زات بولۇپ، ئاغۋات ۋېي جۇڭشيەن تەرىپىدىن تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن. خۇاڭ زۇڭشى بېيجىڭدا دادىسىنىڭ قىساسىنى ئالغاندىن كېيىن داڭقى چىقىپ كېتىپ، دۇڭلىن ئوغلانلىرىنىڭ رەھبىرىگە ئايلانغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى، ئۇ «قىساسكارلار جەمئىيىتى» دىكى ئەزالارغا قوماندانلىق قىلىپ ئاغۋاتلار ۋە ھوقۇقدار تۆرىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىدۇ. چىڭ قوشۇنلىرى قورۇلدىن ئۆتۈپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلغاندا، ئۇ يۇرتىدا ئەسكەر توپلاپ، چىڭ سۇلالىسىگە قارشى جەڭ قىلىپ، جەنۇبىي مىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ خانى لۇ ۋاڭ تەرىپىدىن تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سول قول مۇئاۋىن مۇپەتتىشلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. خۇاڭ زۇڭشى جەڭدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جېجياڭنىڭ سىمىڭشەن دېگەن يېرىگە چېكىنىپ، بارگاھ قۇرۇپ پاناھلانغاچ، ئىچكى جايلار بىلەن خۇپىيانە ئالاقىلىشىپ، چىڭ سۇلالىسىگە قارشى كۈچ تەشكىللەيدۇ. جەنۇبىي مىڭ ھاكىمىيىتى بەربات بولغاندىن كېيىن، خۇاڭ زۇڭشى ئىسمىنى يوشۇرۇپ خىلۋەتچىلىكتە ياشاپ، بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسەر يېزىشقا كىرىشىپ، ئىلغار ئىدىيىنى تەرغىب قىلىدۇ. ئۇ چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كۇڭزىچى ئۆلىمالار يۇرتى ۋە مىڭ سۇلالىسى تارىخى مەھكىمىسىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، ئالەمدىن ئۆتكۈچە خىلۋەتچىلىكتە ياشايدۇ.
خۇاڭ زۇڭشى فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى شەپقەتسىزلەرچە پاش قىلغان ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بەرگەن ھەمدە فېئودال پادىشاھلارنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى «زور بالايىئاپەت» دەپ قارىغان. ئۇ: فېئودال پادىشاھلار ھاكىمىيەت تالاشقاندا، خەلقنى رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلدى، ھاكىمىيەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، يەنە خەلقنى ۋەھشىيانە تالان - تاراج قىلدى، خەلقنىڭ پادىشاھلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشى ھەقلىق ئىش، پادىشاھ تۈزگەن قانۇن پەقەت پادىشاھلارنىڭلا قانۇنى، خەلقنىڭ ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق، شۇڭا دۆلەتنىڭ قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىپ ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، ھەق - ناھەققە خەلق ھۆكۈم قىلىشى كېرەك، دېگەن. ئۇ ھاكىمىيەتنى ئادىل يۈرگۈزۈشنى، خانلىق ھاكىمىيەتنى پارچىلاشنى تەشەببۇس قىلغان. خۇاڭ زۇڭشىنىڭ فېئودال مۇستەبىتلىك ئىدىيىسىگە قارشى تۇرۇشى كېيىنكى جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.
خۇاڭ زۇڭشى ئاسترونومىيە، كالېندارچىلىق، ھېساب، مۇزىكا، ھەر خىل دەستۇرلار ۋە دىن جەھەتلەردە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ھاياتىدا60 نەچچە پارچە ئەسەر يازغان،1300 دىن ئارتۇق توپلام تۈزگەن، بۇلارنىڭ ئاساسلىقلىرىدىن «مىڭيىنىڭ زىيارەت خاتىرىسى»، «سۇڭ، يۈەن دەۋرىدىكى تەلىماتلار»، «مىڭ دەۋرىدىكى كۇڭزىچىلار تەلىماتلىرى» قاتارلىقلار بار. خۇاڭ زۇڭشى گۇ يەنۋۇ، ۋاڭ فۇجىلار بىلەن بىر قاتاردا مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىكى ئۈچ چوڭ مۇتەپەككۇر دەپ ئاتالغان.