UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىليۇ شاۋچى

ليۇ شاۋچى

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى ليۇ شاۋچى (1898 −1969 - يىللار) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئىلگىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. ليۇ شاۋچى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭشياڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، يېڭى بىلىم، يېڭى ئىدىيىلەر ئۈستىدە ئىزدەنگەن.1919 - يىلى «4 - ماي» ھەرىكىتىگە قاتناشقان.1920 - يىلى جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن.1921 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ موسكۋا شەرق كوممۇنىستىك ئەمگەك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ھەمدە ئەمدىلا قۇرۇلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن.1922 - يىلى يازدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلاپ، گۇاڭجۇ - خەنكۇ تۆمۈريول ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە ۋە ئەنيۈەنلۇ كان ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان.1925 - يىلى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، »30 - ماي« ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە ۋە شېڭگاڭ پورتىدىكى ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان.1927 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇ يەنە ۋۇخەن خەلقىنىڭ خەنكۇدىكى ئەنگلىيە كونسېسسىيىسىنى قايتۇرۇۋېلىش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.1927 - يىلى بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ليۇ شاۋچى مەخپىي ھالدا شاڭخەي، تيەنجىن، شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، پارتىيىنىڭ يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئاقلار رايونىدىكى كۈرىشىگە تەجرىبە توپلىغان ۋە تۆھپە قوشقان.1930 - يىلى موسكۋاغا بېرىپ، قىزىل ئىشچى - خىزمەتچىلەر خەلقئارا ئۇيۇشمىسىدا ئىشلەپ، ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغان.1931 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت ئىشچى - خىزمەتچىلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە، ئىتتىپاق ياچېيكىسنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ ئەينى چاغدىكى جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى ۋە تەشكىللىگۈچىسىدۇر.1934 - يىلى10 - ئايدا، ليۇ شاۋچى قىزىل ئارمىيىنىڭ ئۇزۇن سەپىرىگە قاتناشقان.1936 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى شىمالىي جۇڭگو رايونىنىڭ شۇجىسى بولغان.1937 - يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ دۈشمەننىڭ ئارقا سېپىگە چوڭقۇر يوشۇرۇنۇپ، شەنشىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى يېڭى ئارمىيىسىگە ۋە شىمالىي جۇڭگودىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىنقىلابىي بازىنى قۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان.1938 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بيۇروسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، جۇڭخۇا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىنقىلابىي بازىنى قۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان.1939 - يىلى7 - ئايدا، يەنئەن ماركسىزم، لېنىنىزم ئىنستىتۇتىدا «كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەربىيىلىنىشى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدىكى مەشھۇر نۇتقىنى سۆزلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى نەزەرىيىسىنى بېيىتقان.1941 - يىلىدىكى جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسىدىن كېيىن، يېڭى4 - ئارمىيىنىڭ سىياسىي كومىسسارلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، چېن يى بىلەن بىللە يېڭى4 - ئارمىيىنىڭ شتابىنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قوراللىق كۈچلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە زورايتقان.1943 - يىلى ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان.1945 - يىلى پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك7 - قۇرۇلتىيىدا، ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ماركسىزم، لېنىنىزم نەزەرىيىسى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ئەمەلىيىتى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئىدىيە − ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ليۇ شاۋچى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، بىر مەزگىل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ يەنە جۇ دې بىلەن بىرلىكتە مەملىكەتلىك يەر خىزمىتى يىغىنى چاقىرىپ، «جۇڭگو يەر قانۇنى پروگراممىسى» نى تۈزۈپ، ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ليۇ شاۋچى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.1959 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ، دىپلوماتىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تۈزۈشكە قاتنىشىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ناھايىتى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ يۈكسەك ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان، خاتالىقنى توسىدىغان، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلايدىغان، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ھىمايىسىگە مۇيەسسەر زات ئىدى.1966 - يىلى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلانغاندىن كېيىن، ليۇ شاۋچى خاتا تەنقىد قىلىنىپ، لىن بياۋ، جياڭ چىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ،1969 - يىل11 - ئاينىڭ12 - كۈنى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ كەيفېڭ شەھىرىدە ئۇۋالچىلىق ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.1980 - يىلى2 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ليۇ شاۋچىنى ئاقلاپ، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى
ليۇ شاۋچى | UyghurWiki | UyghurWiki