UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرىشياڭ يۈ

شياڭ يۈ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى210 - يىلى قىشتا، چىن شىخۇاڭ سەپەر قىلىپ جېجياڭغا كېلىدۇ. پادىشاھنى كۆرگىلى كەلگەنلەر ئىچىدە پەقەت بىرلا يىگىت ئۇنىڭ سۈرىدىن ھودۇقۇپ كەتمەي، ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇرىدۇ ھەمدە يېنىدىكى بىر ئاقساقالغا: «مەن ئاشۇ ئادەمنىڭ ئورنىغا دەسسىسەم بولغۇدەك» دەيدۇ، ئاقساقال دەرھال ئۇنىڭ ئېغىزىنى ئېتىۋېلىپ: «قالايمىقان گەپ قىلما، ئۇلار ئاڭلاپ قالسا، جېنىمىزنى ئالىدۇ» دەيدۇ. بۇ يىگىت چۇ بەگلىكىنىڭ كېيىنكى چاغلاردىكى ھاكىمبېگى شياڭ يۈ (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى232 −202 - يىللار)، يېنىدىكىسى ئۇنىڭ تاغىسى شياڭ لياڭ ئىدى. شياڭ يۈ شياشياڭ (ھازىرقى جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى سۇچيەننىڭ غەربىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ)لىق بولۇپ، بوۋىسى شياڭ يەن چۇ بەگلىكىنىڭ داڭلىق سەركەردىسى ئىدى. شياڭ يۈ11 ياشقا كىرگەن يىلى، چۇ بەگلىكى چىن بەگلىكى تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، خەلق سەرسان - سەرگەردان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ چىن سۇلالىسىنى يوقىتىشقا ئىرادە باغلايدۇ. ئۇ كىچىكىدىنلا «تۈمەن كىشىلىك دۈشمەن» دەيدىغان جەڭ ماھارىتىنى ئۆگىنىشكە كىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ھەربىي ئىشلاردىن يۈزەلا خەۋەردار بولۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە بېرىلمىگەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى209 - يىلى چېن شېڭ بىلەن ۋۇ گۇاڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، شياڭ يۈمۇ تاغىسى شياڭ لياڭغا ئەگىشىپ ۋۇ (ھازىرقى جياڭسۇنىڭ سۇجۇ شەھىرى) دېگەن يەردە چىن سۇلالىسىنىڭ بىر ۋالىيسىنى ئۆلتۈرۈپ، قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشقان. كېيىنكى يىلى، چېن شېڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شياڭ يۈ تاغىسى شياڭ لياڭغا ئەگىشىپ8000 ئەسكەرنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ جەڭ قىلىدۇ ھەمدە ھەر قېتىملىق جەڭدە غەلىبە قىلىدۇ. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى207 - يىلى، ئۇ سۇڭ يىغا ئەگىشىپ لەشكەر باشلاپ بېرىپ، مۇھاسىرىدە قالغان قوزغىلاڭچى قوشۇننى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشقا ئاتلىنىدۇ. ئۇ سۇڭ يىنىڭ دۈشمەندىن قورقۇپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاپ، ھەربىي ھوقۇقنى قولىغا ئالىدۇ، ئاندىن كېيىن قوشۇننى باشلاپ جاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، چىن قوشۇنى بىلەن جۈلۇ دېگەن يەردە جاننى ئالىقانغا ئېلىپ ھايات - ماماتلىق ئېلىشىدۇ ھەمدە توققۇز قېتىملىق جەڭنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلىپ، چىن قوشۇنىنىڭ سانغۇنى ۋاڭ لىنى ئەسىرگە ئالىدۇ، باش سەركەردىسى جاڭ خەننى تەسلىم قىلىپ، تەسلىم بولغان200 مىڭ لەشكەر ۋە لەشكەر بېشىنى تىرىك كۆمۈۋېتىدۇ. جۈلۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن، شياڭ يۈنىڭ ئىناۋىتى ئۆسۈپ، بىرنەچچە يولغا بۆلۈنگەن قوزغىلاڭچى قوشۇن تەرىپىدىن ئالىي سانغۇنلۇققا تەيىنلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ400 مىڭ كىشىلىك قوزغىلاڭچى قوشۇننى باشلاپ چىن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى شيەنياڭغا يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ چاغدا ليۇ باڭمۇ قوزغىلاڭچى قوشۇننى باشلاپ گۈەنجۇڭغا يېتىپ كېلىپ، چىن سۇلالىسىنىڭ شاھزادىسى زى يىڭنى تەسلىم قىلىدۇ. شياڭ يۈ خەنگۇ قورۇلىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، خۇڭمېن دېگەن يەرگە جايلىشىپ، ليۇ باڭ بىلەن ئېلىشىشقا تەييارلىنىدۇ. ليۇ باڭنىڭ ئەسكىرىي كۈچى شياڭ يۈنىڭكىدىن ئاجىز بولغاچقا، قول قوۋۇشتۇرۇپ يول قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. شياڭ يۈ شيەنياڭغا كىرگەندىن كېيىن،18 بەگلىك تەسىس قىلىپ، ئۆزىنى غەربىي چۇ بەگلىكىنىڭ ھاكىمبېگى دەپ ئېلان قىلىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، شياڭ يۈ بىلەن ليۇ باڭ ئۇدا بەش يىل سوقۇشىدۇ، شياڭ يۈ پەقەت شياڭ بو قاتارلىق ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ۋە يېقىن ۋەزىر - ۋۇزرالىرىنىڭلا گېپىگە ئىشىنىپ، ئىقتىدارلىق ئەلەمدار - قەلەمدارلىرىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئىشقا قويمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەممەيلەننى بىزار قىلىپ قويىدۇ. ئۇ چۇ بەگلىكى بىلەن خەن بەگلىكى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن70 قېتىملىق چوڭ ئۇرۇش،40 قېتىملىق كىچىك ئۇرۇشنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن گەيشيا (بۈگۈنكى ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى لىڭبى دېگەن جاينىڭ جەنۇبى)دا بولغان جەڭدە قاتتىق مۇھاسىرىدە قېلىپ، ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەمدى يۇرتتىكى قېرىنداشلىرىم بىلەن كۆرۈشكىدەك يۈزۈم قالمىدى، دەپ قاراپ، يۇرتىغىمۇ قايتماي، ئۆزىگە خەنجەر تىقىپ ئۆلۈۋالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخسلىرى
شياڭ يۈ | UyghurWiki | UyghurWiki