چىشيەن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
چىشيەن سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ تەيخې يىللىرىدىكى ناھىيە تۇرۇشلۇق جاي. ناھىيە بازىرىدا تىپىك مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەندىزىسى ئاساسەن مۇكەممەل ساقلانغان. كوچىلىرىدا سودا دۇكانلىرى كۆپ. كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، سەيشېن ئىبادەتخانىسى، چياۋ ئائىلىسى قورۇسى ۋە جېنخې راۋىقى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. ھازىر ساقلىنىپ قالغان پۇقرا ھويلا - ئاراملىرى1000 غا يېقىن.