تيەنجىن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
تيەنجىن جىن، يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىن باشلاپ، سۇ يولى ترانسپورتىنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن سودىنىڭ گۈللىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكتىن تەرەققىي تاپقان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەر مۇھاپىزەت شەھىرى قىلىنغان. ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن تيەنخۇ قەسرى، كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، گۇاڭدۇڭ يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى بىناسى قاتارلىقلار بار. ئىنقىلابىي ئورۇنلاردىن داگۇ ئېغىزى زەمبىرەك سۇپىسى، ۋاڭخەيلۇ (دېڭىز كۆزىتىش راۋىقى) خارابىسى، يىخېتۇەن لۈزۇ ئىبادەتخانىسى خارابىسى، «ئويغىنىش» ئۇيۇشمىسى، پىڭجېن جېڭى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابى قاتارلىقلار بار. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت - سەنئەت مىراسلىرىدىن لاي قونچاق سەنئىتى، ياڭلۇچىڭ رەسىملىرى، تيەنجىن ئەلنەغمىسى قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان ئۆتمۈشتىكى ھەرقايسى ئەل كونسېسسىيىلىرىدىكى چەت ئەل پاسونىدىكى قۇرۇلۇشلار ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى داچا شەكىللىك بىنا ۋە كوچىلار خۇددى يېقىنقى زامان «بىناكارلىق مۇزېيى» دەك ئىنتايىن خاسلىققا ئىگە.