UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىشېنياڭ

شېنياڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر شېنياڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە تەسىس قىلىنغان بەگلىك شەھىرى، لياۋ، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدە شېنجۇ ۋىلايىتى بولغان، مىڭ سۇلالىسى جىن، يۈەن سۇلالىلىرى قۇرغان كونا شەھەرنىڭ ئورنىدا يېڭىۋاشتىن شېنياڭ بارىگاھ شەھىرىنى قۇرغان.1625 - يىلى چىڭ تەيزۇ (چىڭ سۇلالىسىنى قۇرغۇچى) نۇرغاچ پايتەختنى شېنياڭغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، شەھەرنى كېڭەيتىپ قۇرغان. شېنياڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ شەنخەيگۇەنگە كىرىشتىن ئىلگىرىكى مۇھىم سىياسىي مەركىزى. شېنياڭدىكى گۇگۇڭ سارىيى بېيجىڭدىكى گۇگۇڭ سارىيىدىن قالسا ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان ئوردا قۇرۇلۇشلىرى توپىدۇر. شەھەرنىڭ شىمالىدىكى بېيلىڭ قەبرىستانلىقى (جاۋ قەبرىستانلىقى) بىلەن شەھەرنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دۇڭلىڭ قەبرىستانلىقى (فۇ قەبرىستانلىقى) قونتاجى ۋە نۇرغاچنىڭ قەبرىستانلىقىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئىنقىلابىي ئورۇنلاردىن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، يولداش جۇ ئېنلەي ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا ئوقۇغان جاي، يۇڭئەن تاش كۆۋرۈكى، تاشەن تاغ شەھىرى ۋە بىرمۇنچە ئىبادەتخانا ۋە راۋاقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى