UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىجېڭدىڭ

جېڭدىڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر جېڭدىڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، ئەمىنىيە دەۋرىدە شيەنۋۇ بەگلىكىنىڭ پايتەختى، يېغىلىق دەۋرىدە جۇڭشەن بەگلىكىگە دۇڭيى سۇيۇرغال قىلىپ بۆلۈپ بېرىلگەن. چىن سۇلالىسى مەزگىلىدە ناھىيە بولۇپ تەسىس قىلىنغان، غەربىي جىن سۇلالىسىدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىغىچە ئايماق، ۋىلايەت، مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي بولغان. جېڭدىڭ شەھىرى شىمالىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە بىنا بولغان، ھازىر ساقلىنىپ قالغان خىش سېپىللىق شەھەرنى مىڭ سۇلالىسى ئۆزگەرتىپ سالغان، سېپىلى ئاساسەن مۇكەممەل ساقلانغان. لۇڭشىڭ ئىبادەتخانىسى، كەييۇن ئىبادەتخانىسىنىڭ قوڭغۇراق راۋىقى، لىڭشياۋ مۇنارى، گۇاڭخۇي ئىبادەتخانىسى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى