UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىخاۋجۇ

خاۋجۇ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر خاۋجۇ ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان، ئىلگىرىكى نامى خاۋشيەن، شاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى شاڭ تاڭ بۇ يەرنى پايتەخت قىلغانلىقى بىلەن شۇ نام قويۇلغان، لاۋزى، ساۋ ساۋ، خۇاتولارنىڭ يۇرتى بولغانلىقى بىلەن نامى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە تارالغان، شىمالىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە جاۋجۇ دەپ ئاتالغان. سۇ قاتنىشى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغانلىقتىن، دۇكان، مېھمانسارايلىرى كۆپ سودا شەھىرى بولۇپ قالغان. ئۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى تۆت چوڭ دورا ماتېرىياللىرى بازىسىنىڭ بىرى. خاۋجۇدىكى بەزى كونا كوچىلار يەنىلا مىڭ، چىڭ سۇلالىسى بىناكارلىقىنىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قالغان. ھازىر ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى قۇرۇلۇشلاردىن: شاڭتاڭۋاڭ قەبرىستانلىقى، ساۋ ساۋ جەمەتى قەبرىستانلىقى، خۇاتونىڭ كونا تۇرالغۇسى، ۋېنفېڭ مۇنارى، مىڭۋاڭ راۋىقى، خۇاشى راۋىقى ۋە قەدىمكى لەخمە قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى