UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىچۈيفۇ

چۈيفۇ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر چۈيفۇ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، غەربىي جۇ سۇلالىسى، ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرلىرىدە لۇ بەگلىكىنىڭ پايتەختى بولغان. چۈفۇ ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۆتكەن مەشھۇر مائارىپچى كۇڭزىنىڭ يۇرتى بولۇپ، ئۇ بۇ يەردە كۇڭزىچىلىق ئېقىمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. چۈفۇدا مەشھۇر يادىكارلىقلار كۆپ، ئاساسلىقلىرى: كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، كۇڭزى قەسىرى، كۇڭزى زاراتگاھلىقى بار. كۇڭزى ئىبادەتخانىسى كۇڭگزى ئۈچۈن نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىبادەتخانا بولۇپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى478 - يىلى سېلىنغان، ھازىرقى كۇڭزى ئىبادەتخانىسى مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە پۈتكۈزۈلگەن، ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتىر، كۆلىمى327 مو، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، ئېھتىيات بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، گۇگۇڭدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان قەدىمىي ئىمارەتلەر توپى. كۇڭزى زاراتگاھلىقى كۇڭزى ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ مەخسۇس قەبرىستانلىقى بولۇپ، پۈتكۈل زاراتگاھلىق بۈك - باراقسان، بىر - بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن دەل - دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان، يەر كۆلىمى3000 مو. بۇنىڭدىن باشقا، لۇ بەگلىكىنىڭ قەدىمىي شەھەر خارابىسى، كۇڭزى تۇرالغۇسى، جۇگۇڭ ئىبادەتخانىسى، يەنمياۋ ئىبادەتخانىسى، مېڭمۇ زاراتگاھلىقى، جۇسى بىلىم يۇرتى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى
چۈيفۇ | UyghurWiki | UyghurWiki