UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىشاڭخەي

شاڭخەي

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر شاڭخەي قەدىمكى دەۋرلەردە بۇ يەر دېڭىز ساھىلىدىكى بازار ئىدى. يېغىلىق دەۋرىدە، بۇ يەر چۇ بەگلىكىدىكى ئاقسۆڭەك چۇنشېن بېگى خۇاڭ شيېنىڭ سۇيۇرغال يېرى ئىدى، شۇڭا ئىلگىرى قىسقارتىلىپ «شېن» دەپ ئاتىغان. تاڭ سۇلالىسى تەيباۋ10 - يىلى (751- يىلى) خۇاتىڭ ناھىيىسىنى تەسىس قىلغان، سۇڭ سۇلالىسى شاڭخەي بازىرىنى تەسىس قىلغان، يۈەن سۇلالىسى جىيۈەن29 - يىلى (1292 - يىلى) شاڭخەي ناھىيىسىنى تەسىس قىلغان. شاڭخەي چېگرىسى ئىچىدە ۋۇسۇڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى بولغاچقا، قەدىمدە خۇدۇ دەپ ئاتالغان، بۇ يەردە بېلىقچىلىق ناھايىتى راۋاج تاپقان، شۇڭا شاڭخەي يەنە قىسقارتىلىپ «خۇ» دەپ ئاتالغان. شاڭخەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى دۇنياغا كەلگەن جاي، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن تارىخىي ۋەقە ۋە تارىخىي شەخسلەرنىڭ پائالىيەتلىرى بۇ يەردە يۈز بەرگەن، مەسىلەن، شياۋداۋخۇي قوزغىلىڭى،30 - ماي ھەرىكىتى، شاڭخەي ئىشچىلىرىنىڭ ئۈچ قېتىملىق قوراللىق قوزغىلىڭى، سۇڭجياڭ - شاڭخەي ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قاتارلىقلار. ھازىر ساقلانغان ئىنقىلابىي ئورۇنلاردىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى7 - قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئورنى، سۇن جۇڭشەننىڭ كونا تۇرالغۇسى، لۇشۈن قەبرىسى، سۇڭ چىڭلىڭ قەبرىسى، لۇڭخۇا ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە ئورنى قاتارلىقلار بار. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: لۇڭخۇا مۇنارى، سۇڭجياڭ چاسا مۇنارى، يۇيۇەن باغچىسى، چيۇشياۋپۇ، تاڭجىڭجۇاڭ قاتارلىقلار بار. شاڭخەينىڭ يېقىنقى زاماندا ھەر خىل شەكىلدىكى چەت ئەل ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بىنالىرى بىناكارلىق تارىخىدا مۇھىم قىممەتكە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى