جيەنشۇي
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
جيەنشۇي يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ نەنجاۋ يىللىرى بىنا قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە جيەنشۇي قاراۋۇلخانىسى قۇرۇلغان، كېيىن جيەنشۇي ۋىلايىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شۇاڭلۇڭ «قوش ئەجدىھا» كۆۋرۈكى، رۇەندىڭ ئىبادەتخانىسى، دۇڭلىن ئىبادەتخانىسى، يۈخۇاڭ راۋىقى، شەرقىي قوۋۇق چاۋياڭ راۋىقى، جۇ ئائىلىسى باغچىسى، بەيسۈي (يۈز ياشلىق) راۋىقى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار.