UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىخەنچېڭ

خەنچېڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر خەنچېڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە خەن بېگىگە سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن، ئەمىنىيە دەۋرىدە خەنيۇەن دەپ ئاتالغان، چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە شياياڭ ناھىيىسى بولغان، سۇي سۇلالىسى دەۋرىدە خەنچېڭ ناھىيىسى دەپ ئاتالغان. كونا شەھەردە ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبقا ئىگە نۇرغۇن كوچا ۋە چاسا ھويلىلار ساقلانغان، يەنە كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، چېڭخۇاڭمياۋ ئىبادەتخانىسى قاتارلىق قەدىمىي قۇرۇلۇشلار توپى بار، شەھەر ئەتراپىدا كونا تاش قوراللار غارى خارابىسى، يىغىلىق دەۋرىدىكى ۋېي بەگلىكى سېپىلى، سىما چيەننىڭ قەبرىسى، سىماچيەن ئىبادەتخانىسى، خەن سۇلالىسى قەبرىلەر توپى، دارماراجا ئىبادەتخانىسى، پوجاۋ ئىبادەتخانىسى، جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى خىش مۇنار مەشھۇر يادىكارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى
خەنچېڭ | UyghurWiki | UyghurWiki