باۋدىڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
باۋدىڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە يەن بەگلىكىگە قارىغان، يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە يەن بەگلىكىنىڭ بۆلۈنمە يېرى بولغان؛ شىمالىي ۋېي سۇلالىسى ناھىيە تەسىس قىلغان؛ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن مىڭ سۇلالىسىغىچە ئايماق، ۋىلايەت، مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي بولغان، چىڭ سۇلالىسى جىلى ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى قىلغان، تارىختا ھەربىي ئىشلاردىكى مۇھىم جاي ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى كونا شەھەرنى دەسلەپتە سۇڭ سۇلالىسى بەرپا قىلغان، مىڭ سۇلالىسى كېڭەيتىپ قۇرغان، ھازىر بىر قىسىم سېپىلى ساقلىنىپ قالغان. سۇڭ سۇلالىسى ئايماق تەسىس قىلغاندىن تارتىپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، مىنگونىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى بويىچە ياردەمچى شەھىرى قىلىنغان. ئىنقىلابىي خاتىرە جايلاردىن: باۋدىڭ دارىلمۇئەللىمىنى، يۈدې ئوتتۇرا مەكتىپى، شيېشېڭ باسمىخانىسى، شىجيا باغچىسى قاتارلىقلار بار. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: داسى راۋىقى، گۇليەنخۇا كۆلى، قوڭغۇراق راۋىقى، جىلى ۋالىي مەھكىمىسى، سىشى تەيخۇنىڭ ۋاقىتلىق ئوردىسى، مۇسۇلمانلار غەربىي مەسچىتى قاتارلىقلار بار