نەنياڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
نەنياڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، قەدىمدە ۋەن دەپ ئاتىلاتتى، يېغىلىق دەۋرىدە چۇ بەگلىكىنىڭ سۇيۇرغالى بولغان. شەرقىي خەن سۇلالىسى قوشۇمچە پايتەخت قىلغان، كېيىنكى دەۋرلەردە مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي بولغان. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن:2000 يىللار ئىلگىرى پولات تاۋلاش ئورنىنىڭ خارابىسى، يېغىلىق دەۋرىدىكى ۋەنچېڭ خارابىسى، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى رەسىملىك تاش ئويمىلار، يەنە شۇەنمياۋ ئىبادەتخانىسى، ۋۇخۇ ئىبادەتخانىسى، يىشېن (تېۋىپ پىرى) ئىبادەتخانىسى، جاڭ جۇڭجىڭ قەبرىسى، جاڭ خېڭ قەبرىسى قاتارلىقلار بار.