UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىيىبىڭ

يىبىڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر يىبىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىغا، جىنشاجياڭ دەرياسى بىلەن مىنجياڭ دەرياسى قوشۇلىدىغان جايغا جايلاشقان، «تۈمەن چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى بىرىنچى شەھەر» دېگەن نامى بار. قەدىمدە غەربىي جەنۇبتىكى يىبو بەگلىكى بۇ يەرگە ئورۇنلاشقان، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بوداۋ دەپ ئاتالغان، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىدىن باشلاپ يىبىڭ دەپ ئاتالغان، تارىختا ۋىلايەت، ئايماق مەھكىمە جايلاشقان جاي بولغان. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: سۇيپىڭشەن تېغى، ليۇ بېي كۆلى، جيۇجۇ مۇنارى، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەبرىلەر، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خۇاتەي ئىبادەتخانىسى، دافۇتو تاش ئويمىسى ۋە جاۋ يىمەن خاتىرە سارىيى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى