UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىليۇجۇ

ليۇجۇ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر ليۇجۇ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. خەن سۇلالىسىنىڭ يۈەندىڭ يىللىرىدا تەنجۇڭ ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان، تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنگۇەن يىللىرىدا ليۇجۇ دەپ ئاتالغان، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋىلايەت تۇرۇشلۇق جاي، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدە مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي قىلىنغان. ليۇخۇ ئىبادەتخانىسى، دۇڭمېن سېپىل ۋارىقى، مەسچىت قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. يەنە ئاق نېلۇپەر غارى، لىيۈيزۇي قۇلۇلە دۆۋىسى، مەنۋاڭچېڭ شەھىرى قاتارلىق تاش قوراللار دەۋرىدىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى خارابىلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى
ليۇجۇ | UyghurWiki | UyghurWiki