UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىخۇەيئەن

خۇەيئەن

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر خۇەيئەن جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە ناھىيە تەسىس قىلىنغان؛ سۇي، تاڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرى ئايماق، ۋىلايەت تەسىسس قىلغان. يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىن بۇيان دەريا قاتنىشى، سودا راۋاجلىنىپ، قانال بويىدىكى مۇھىم جاي بولۇپ قالغان. شەھەر رايونىنىڭ بىنا بولۇشى جىن، يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۈچ شەھەر رايونى بىرلىكتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، قۇرۇلمىسى ھازىرغىچە ئۆزگەرمىگەن، بىر قىسىم سېپىل خارابىسى ھازىرمۇ ساقلانماقتا. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: جۇ ئېنلەينىڭ كونا تۇرالغۇسى، چىليەنگاڭ قەدىمىي مەدەنىيەت خارابىسى، ۋېنتۇڭ مۇنارى، جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مىس قوڭغۇراق، گۇەن تيەنپېي ئىبادەتخانىسى ۋە قەبرىسى، جېنخۇەي راۋىقى، خەنخۇ ئىبادەتخانىسى، شاۋخۇ كۆلى باغچىسى، پياۋمۇ ئىبادەتخانىسى، ۋۇ چېڭئېننىڭ كونا تۇرالغۇسى، لياڭ خۇڭيۈ ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى