گۇيلىن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
گۇيلىن گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى گۇيجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى لىجياڭ دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. قەدىمدە بەييۆلەر زېمىنى بولغان، چىن سۇلالىسى گۇيلىن ۋىلايىتىنى تەسىس قىلغان ھەمدە بۇ يەردىن شىمالغا لىنچۈي قانىلىنى قېزىپ، لىجياڭ، شياڭجياڭ دەريالىرىنى تۇتاشتۇرغان. خەن سۇلالىسى شىئەن ناھىيىسىنى تەسىس قىلىپ، لىڭلىڭ ۋىلايىتىگە تەۋە قىلغان.1940 - يىلى گۇيلىن شەھىرى تەسىس قىلىنغان. تارىختا گۇاڭشىنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەدەنىيەت ساھەسىدىكى نۇرغۇن مەشھۇر زاتلار گۇيلىنغا جەم بولغان. ئۇنىڭ قەدىمدىن «مەدەنىيەت شەھىرى» دېگەن نامى بار. گۇيلىندىكى لىجياڭ دەرياسى ھاۋزىسىنىڭ تاغ - سۇلىرى ئاجايىپ بولۇپ، «گۇيلىننىڭ تاغ - دەريالىرى جاھاندا تەڭداشسىز» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن: چىشىڭ قىياسى، دۇشيۇفېڭ چوققىسى، ديېسەيشەن تېغى، لۇدى قىياسى، يۆياشەن تېغى، شياڭبىشەن تېغى، فۇبوشەن تېغى قاتارلىقلار بار. گۇيلىننىڭ تاغ - ئۆڭكۈرلىرىدە قەدىمكى دەۋرلەردە ئۆتكەن نۇرغۇن مەشھۇر كىشىلەرنىڭ قىيا تاش ئويمىلىرى بار بولۇپ، «خاتىرە تاشلار قاپلىغان شەھەر» دېگەن نامى بار.